3 ئۇلارنىڭ خەۋەر تاپقىنىنى ئۇققان ھەزرىتى ئەيسا يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن چىقىپ يەنە جەلىلىيىگە كەتتى.
ئۇلار سىلەرگە بىر شەھەردە زىيانكەشلىك قىلسا، يەنە بىر شەھەرگە قېچىپ بېرىڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر ئىسرائىلىيىنىڭ پۈتۈن شەھەرلىرىنى ئارىلاپ بولغۇچە، ئىنسانئوغلى قايتىپ كېلىدۇ.
شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا ئەمدى يەھۇدىيلار ئارىسىدا ئاشكارا يۈرمەي، ئۇ يەردىن ئايرىلىپ چۆلگە يېقىن رايوندىكى ئەفرايىم شەھىرىگە كېتىپ، شاگىرتلىرى بىلەن بىللە ئۇ يەردە تۇردى.
ئاندىن، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىغا، يەنى بۇرۇن يەھيا پەيغەمبەر ئادەملەرنى چۆمۈلدۈرگەن يەرگە كېتىپ، ئۇ يەردە تۇردى.
بۇ ئىشتىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە باردى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار بىلەن بىللە ئۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرۇپ، كىشىلەرنى چۆمۈلدۈردى.
بۇ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەسلەپكى مۆجىزىسى بولۇپ، جەلىلىيىنىڭ كانا يېزىسىدا كۆرسىتىلگەنىدى. بۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئايان قىلدى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنى خۇدانىڭ ئەۋەتكەنلىكىگە ئىشەندى.
ئەتىسى، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىگە بېرىشنى قارار قىلدى. ئۇ فىلىپنى تېپىپ، ئۇنىڭغا: - ماڭا ئەگىشىپ ماڭ! - دېدى.
ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن بىللە ئۇ يەردىن ئايرىلىپ كۆل بويىغا كەتتى، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن نۇرغۇن خالايىق ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باردى.
ئۇ ئۆزىنىڭ ئەرشتە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئىشىنىدىغانلار ناھايىتى ئاز بولىدۇ.
ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا بېرىش سەپىرىدە سامارىيە بىلەن جەلىلىيە ئۆلكىلىرى چېگرىلىنىدىغان رايونلاردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ،
ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەھۇدىيىدىن جەلىلىيىگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باردى ۋە: - ئۆيۈمگە بېرىپ، سەكراتتا ياتقان ئوغلۇمنى ساقايتىپ بەرسىڭىز! - دەپ ئۆتۈندى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىدە كېزىپ يۈردى. يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە تۇرۇشنى خالىمايتتى.