Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 4:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: - خانىم، سۆزلىرىمگە ئىشىنىڭ، شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ بۇ تاغقا ياكى يېرۇسالېمغا بېرىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 4:21
20 Referans Kwoze  

شۇڭا، مەن شۇنى ئۈمىد قىلىمەنكى، ئېتىقادچى ئەرلەر مەيلى قەيەردە بولسۇن، ھەر قېتىم دۇئاغا جەم بولغاندا باشقىلارغا غەزەپلەنمەي، دەتالاش قىلماي، توغرا ئەمەللىك قوللىرىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلسۇن.


كۈنچىقىشتىن تارتىپ كۈنپېتىشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى خەلقلەر مېنىڭ نامىمنى ئۇلۇغلايدۇ. ھەممە يەردە مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئىسرىق سالىدۇ ۋە پاك ھەدىيەلەرنى سۇنىدۇ. مېنىڭ نامىم پۈتكۈل خەلقلەر ئارىسىدا ئۇلۇغلىنىدۇ.


دېمەك، ئەيسا مەسىھنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ھەممەيلەن قەلبىمىزدىكى ئوخشاش بىر مۇقەددەس روھقا تايىنىپ خۇدائاتىمىزنىڭ ئالدىغا بارالايمىز.


لېكىن شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇ، شۇنداقلا كېلىپ قالدىكى، كىشىلەر روھى بىلەن ۋە خۇدا ئاشكارىلىغان ھەقىقەت بويىچە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ. ئەرشتىكى ئاتىمىز ئۆزىگە ئەنە شۇنداق ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلارنى ئىزدىمەكتە.


چۈنكى، ئىككى ياكى ئۈچ كىشى مېنىڭ نامىم بىلەن قەيەردە جەم بولسا، مەنمۇ شۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولىمەن.


خۇدانىڭ ئۇشبۇ پىلانىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەم، ئەرشتىكى ۋە يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلارنى ياراتقان خۇدائاتىمىزغا تىزلىنىپ دۇئا قىلىمەنكى،


مانا، شۇنداق ۋاقىت كېلەي دەپ قالدى، شۇنداقلا كېلىپ قالدىكى، ھەممىڭلار مېنى يالغۇز تاشلاپ ئۆز يوللىرىڭلارغا كېتىسىلەر. بىراق، مەن يالغۇز قالمايمەن، چۈنكى ئاتام مەن بىلەن بىللىدۇر.


سىلەر ئىبادەتخانا جامائەتچىلىكىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلىسىلەر ھەمدە شۇنداق بىر ۋاقىت-سائەتلەر كېلىدۇكى، سىلەرنى ئۆلتۈرىدىغانلار ئۆزلىرىنى خۇداغا خىزمەت قىلىۋاتىمەن، دەپ ھېسابلايدۇ.


بۇنىڭغا ھەيران بولماڭلار. ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت كېلىدۇ


_ ئەي ئادەم بالىسى، بۇ ئادەملەر قەلبلىرىدە بۇتقا تېۋىنىدىكەن، بۇ ئۇلار پۇتلىشىپ يىقىلىدىغان تاشتۇر. شۇنداق ئىكەن، مەن قانداقمۇ ئۇلارنىڭ مەندىن مەسلىھەت سورىشىغا يول قوياي؟


سىلەر كىشىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە قاراپ ئادىللىق بىلەن سوراق قىلىدىغان خۇدانى «ئاتا» دېگەنىكەنسىلەر، ئۇنداقتا بۇ دۇنيادا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان ۋاقتىڭلارنى خۇدانى چوڭقۇر ھۆرمەتلەش بىلەن ئۆتكۈزۈڭلار.


بىز ئۇنىڭ: «ناسىرەلىك ئەيسا بۇ ئىبادەتخانىنى گۇمران قىلىدۇ، مۇسا پەيغەمبەردىن مىراس قالغان ئەنئەنىۋى قائىدە-تۈزۈملىرىمىزنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، - دېدى.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم خۇدائاتامنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ.


بىلىپ قويۇڭلاركى، روھى ئۆلۈكلەرنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا كېلىپ قالدىكى، ئاڭلاپ ئىشەنگەنلەر ھاياتلىققا ئىگە بولىدۇ.


قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ ياكى تۇتقۇن قىلىنىپ، چەت دۆلەتلەرگە ھەيدىلىدۇ. خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقتى توشقۇچە، ئۇلار يېرۇسالېمنى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، بېرىپ پۈتكۈل مىللەتلەرنى مېنىڭ شاگىرتلىرىم قىلىپ يېتىشتۈرۈڭلار. ئۇلارنى خۇدائاتا، ئۇنىڭ ئوغلى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈپ،


_ ئەي ئادەم بالىسى، ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «مەن پەرۋەردىگاردىن مەسلىھەت سوراش ئۈچۈن كەلدىڭلارمۇ؟ مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلەرگە ھېچقانداق مەسلىھەت بەرمەيمەن!»


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەرش مېنىڭ تەختىم، زېمىن مېنىڭ پۇت قويىدىغان يېرىمدۇر، سىلەر ماڭا قانداق بىر ساراي ياكى ئارام ئالىدىغان بىر جاي ياساپ بېرەلەيسىلەر؟


شەھەردە ھېچقانداق ئىبادەتخانا كۆرمىدىم، چۈنكى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا ۋە قوزا شەھەرنىڭ ئىبادەتخانىسىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite