Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 4:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 ئەمما، مەن بېرىدىغان سۇنى ئىچكەنلەر مەڭگۈ ئۇسسىمايدىغان بولىدۇ. مەن بېرىدىغان سۇ، ئىچكەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئېتىلىپ چىقىدىغان بىر بۇلاققا ئايلىنىپ، ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بېرىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 4:14
32 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ھاياتلىق بېرىدىغان نان ئۆزۈمدۇرمەن! مېنىڭ يېنىمغا كەلگەنلەر ھەرگىز ئاچ قالمايدۇ. ماڭا ئېتىقاد قىلغانلار ھېچقاچان ئۇسسىمايدۇ.


ئۇلار ئاچ قالمايدۇ، ئۇسسۇزلۇقنىڭ ئازابىنى تارتمايدۇ، قۇياشنىڭ ھارارىتى ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ ئازابلىمايدۇ. مەن ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنى يېتەكلەپ ماڭىمەن، ئۇلارنى بۇلاقلارغا باشلاپ بارىمەن.


ئۇلار ئەمدى ئاچ قالمايدۇ، ئۇسسىمايدۇ، ئۇلارغا نە ئاپتاپ، نە قاتتىق ئىسسىق ئۆتمەيدۇ.


ماڭا ئېتىقاد قىلىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەنلەر ئەسلا ئۆلمەيدۇ؛ بۇنىڭغا ئىشىنەمسىز؟


مانا بۇ ئەرشتىن چۈشكەن «نان»~دۇر. ئەجدادلىرىڭلار «ماننا» دەپ ئاتالغان ناننى يېگەن بولسىمۇ، ئۆلدى، بىراق بۇ ناننى يېگەنلەر بولسا مەڭگۈ ياشايدۇ!


يەنە بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئوغلى دۇنياغا كەلدى ۋە ھەقىقىي خۇدانى تونۇشىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزگە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى. بىز ھەقىقىي خۇداغا باغلىنىپ ياشاۋاتىمىز. چۈنكى، بىز ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھكە باغلانغانمىز. ئەيسا مەسىھ ھەقىقىي خۇدادۇر ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر!


قەلبىمىزگە مۇقەددەس روھنى سېلىش بىلەن بىزگە ئىگىدارچىلىق مۆھرىنى بېسىپ، ئۇنى ئۆز ۋەدىسىنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنىڭ كاپالىتى قىلدى.


چۈنكى، گۇناھنىڭ بەدىلى ئۆلۈم. بىراق، خۇدانىڭ رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزگە ئاتا قىلغان سوۋغىتى مەڭگۈلۈك ھاياتلىقتۇر.


سىلەر ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلغانلىقىڭلاردىن قەلبىڭلار پاك قىلىنىپ، ئېتىقادچىلارنى سۆيىدىغان سەمىمىي مېھىر-مۇھەببەتكە ئىگە بولدۇڭلار. شۇڭا، بىر-بىرىڭلارنى چىن قەلبىڭلاردىن قىزغىن سۆيۈڭلار.


ئوغرى بولسا ئوغرىلاش، ئۆلتۈرۈش ۋە بۇزۇش ئۈچۈنلا كېلىدۇ. مەن بولسام ئادەملەر ھاياتلىققا ئېرىشسۇن ۋە ئۇ ھاياتلىق مول بولسۇن، دەپ كەلدىم.


خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى قايغۇغا سالماڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس روھ بولسا سىلەرنىڭ خۇداغا مەنسۇپ بولغانلىقىڭلارنىڭ مۆھرى بولۇپ، ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇلىدىغان كۈنۈڭلارنىڭ يېتىپ كېلىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.


دېمەك، گۇناھ ئىنسانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە ئاپارغان بولسا، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئىنسانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۇلارنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاپ، ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئېلىپ كەلدى.


بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار مەڭگۈلۈك جازاغا ئۇچرايدۇ. ھەققانىي ئادەملەر بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «كېلىڭلار، ئەي چاڭقىغانلار، سۇ ئىچىۋېلىڭلار، كېلىڭلار، ئەي يوقسۇللار، نەرسە ئېلىپ يەڭلەر، مەيلى شاراب ئېلىڭلار ياكى سۈت ئېلىڭلار، ھېچقانداق ھەق تۆلىمەيسىلەر، ھەممىسى ھەقسىزدۇر.


ھەر دائىم مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە يول كۆرسىتىمەن، قاقاس يەرلەردىمۇ ئېھتىياجىڭلارنى قاندۇرىمەن ھەم ئۇستىخىنىڭلارنى مەزمۇت قىلىمەن. سىلەر خۇددى سۇغۇرۇلغان بىر باغ، ھەم سۈيى تۈگىمەس بىر بۇلاقتەك بولىسىلەر.


مېنىڭ خەلقىم رەزىل ئىشتىن ئىككىنى قىلدى: ئۇلار ھاياتلىق سۈيىنىڭ مەنبەسى بولغان مەندىن ۋاز كەچتى ھەمدە ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن سۇ ساقلىيالمايدىغان يېرىق قۇدۇقلارنى كولىدى.


چۈنكى مەن چارچىغانلارغا ئاراملىق، ئاجىزلارغا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلىمەن.»


تۇزلۇق سۇلار تاتلىق سۇلارغا ئايلانغانلىقى ئۈچۈن، بۇ دەريا قەيەرگە ئېقىپ بارسا، شۇ يەردە ھاياتلىق بولىدۇ، جانلىقلار كۆپىيىدۇ، بېلىقلار ناھايىتى مول بولىدۇ.


ھەققانىيلىققا ئىنتىلىدىغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، خۇدا ئۇلارنى تولۇق قانائەتلەندۈرىدۇ.


ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەگەر سىز خۇدانىڭ سوۋغىتىنىڭ نېمىلىكى ۋە سىزدىن ئۇسسۇلۇق سورىغان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلسىڭىزىدى، ئۇنداقتا سىز ئۇنىڭدىن شۇنى تىلەيتتىڭىز-دە، ئۇمۇ سىزگە ھاياتلىق سۈيىنى بېرەتتى.


ئايال: - تەقسىر، قۇدۇق چوڭقۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ تارتىدىغان ئەسۋابلار يوق تۇرسا، ھاياتلىق سۈيىنى نەدىن تاپالايسىز؟


ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: - بۇ سۇنى ئىچكەنلەر يەنە ئۇسسايدۇ.


خۇددى ھوسۇل يىغقۇچى ھەققىنى ئېلىۋاتقاندەك، بۇ كىشىلەرنى ماڭا ئېتىقاد قىلىشقا يېتەكلەۋاتقانلارمۇ خۇدادىن تېگىشلىك ئىنئام ئېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ يىغقان ھوسۇلى بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن كىشىلەردۇر. شۇنداق قىلىپ، «تېرىقچى» ۋە «ئورمىچى» تەڭ خۇشاللىنىدۇ.


بىراق، سىلەر بۇزۇلىدىغان ئوزۇقلۇق ئۈچۈن ئەمەس، بۇزۇلمايدىغان، مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بېرىدىغان ئوزۇقلۇق ئۈچۈن جان تىكىپ ئىشلەڭلار! بۇنى سىلەرگە ئىنسانئوغلى~-~ئۆزۈم بېرىمەن، چۈنكى مېنىڭ بۇنداق قىلىشىمنى خۇدائاتام تەستىقلىغان.


ھېيتنىڭ ئاخىرقى ھەم ئەڭ تەنتەنىلىك كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق جاكارلىدى: - كىمدەكىم ئۇسسىسا، مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ ئىچسۇن!


چۈنكى، ئۇلارنى تەختنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قوزا باقىدۇ ۋە ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلاقلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ. خۇدا ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى پۈتۈن ياشلارنى سۈرتىدۇ، - دېدى.


لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆلۈكى بۇلاق ياكى كۆلچەككە چۈشۈپ كەتسە، سۈيى يەنىلا ھالالدۇر، بىراق ئۆلۈككە تەگكەن كىشى ناپاكتۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite