13 ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: - بۇ سۇنى ئىچكەنلەر يەنە ئۇسسايدۇ.
بىراق، سىلەر بۇزۇلىدىغان ئوزۇقلۇق ئۈچۈن ئەمەس، بۇزۇلمايدىغان، مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بېرىدىغان ئوزۇقلۇق ئۈچۈن جان تىكىپ ئىشلەڭلار! بۇنى سىلەرگە ئىنسانئوغلى~-~ئۆزۈم بېرىمەن، چۈنكى مېنىڭ بۇنداق قىلىشىمنى خۇدائاتام تەستىقلىغان.
«ئى بوۋام ئىبراھىم، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! لازارنى ئەۋەتكەيسەن. ئۇ بارمىقىنىڭ ئۇچى بىلەن سۇ تېمىتىپ، تىلىمنى نەمدەپ قويغاي، چۈنكى مەن بۇ ئوت يالقۇنىنىڭ ئىچىدە ئىنتايىن ئازابلىنىۋاتىمەن!» دەپ ۋارقىراپتۇ.
گەرچە ئەجدادلىرىڭلار چۆللەردە ماننا يېگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۆلدى.
بۇ قۇدۇقنى ئەجدادىمىز ياقۇپ كولىغان. ئۇنىڭدىن ئۆزى، ئوغۇللىرى ۋە مال-ۋارانلىرىمۇ سۇ ئىچكەن. ئەجەبا، سىز بۇ سۇدىنمۇ ياخشى سۇ بېرىمەن دەپ، ئۆزىڭىزنى ئەجدادىمىز ياقۇپتىن ئۇلۇغ دېمەكچىمۇ؟! - دەپ سورىدى.
ئەمما، مەن بېرىدىغان سۇنى ئىچكەنلەر مەڭگۈ ئۇسسىمايدىغان بولىدۇ. مەن بېرىدىغان سۇ، ئىچكەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئېتىلىپ چىقىدىغان بىر بۇلاققا ئايلىنىپ، ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بېرىدۇ.