Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 4:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ئايال: - تەقسىر، قۇدۇق چوڭقۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ تارتىدىغان ئەسۋابلار يوق تۇرسا، ھاياتلىق سۈيىنى نەدىن تاپالايسىز؟

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 4:11
10 Referans Kwoze  

لېكىن، قەلبىدە خۇدانىڭ روھى بولمىغان كىشىلەر خۇدانىڭ روھى ئاتا قىلغان بۇ ھەقىقەتلەرنى قوبۇل قىلالمايدۇ، شۇنداقلا بۇ ئىشلار ئۇلارغا بىمەنە تۇيۇلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر بۇ ئىشلارنى چۈشىنەلمەيدۇ. چۈنكى، بۇ ئىشلارنى پەقەت خۇدانىڭ روھىنىڭ ياردىمى ئارقىلىقلا چۈشەنگىلى بولىدۇ.


نىكودىم: - ياشىنىپ قالغان ئادەم قانداقمۇ قايتىدىن تۆرەلسۇن؟ ئانىسىنىڭ قورسىقىغا كىرىپ قايتا تۆرىلىشى مۇمكىنمۇ؟! - دەپ سورىدى.


مېنىڭ خەلقىم رەزىل ئىشتىن ئىككىنى قىلدى: ئۇلار ھاياتلىق سۈيىنىڭ مەنبەسى بولغان مەندىن ۋاز كەچتى ھەمدە ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن سۇ ساقلىيالمايدىغان يېرىق قۇدۇقلارنى كولىدى.


ئەمما، مەن بېرىدىغان سۇنى ئىچكەنلەر مەڭگۈ ئۇسسىمايدىغان بولىدۇ. مەن بېرىدىغان سۇ، ئىچكەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئېتىلىپ چىقىدىغان بىر بۇلاققا ئايلىنىپ، ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بېرىدۇ.


ھېيتنىڭ ئاخىرقى ھەم ئەڭ تەنتەنىلىك كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق جاكارلىدى: - كىمدەكىم ئۇسسىسا، مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ ئىچسۇن!


- ئى رەببىم، ھەرگىز بولمايدۇ! مەن ھېچقاچان ھېچقانداق ناپاك، ھارام نەرسىنى ئاغزىمغا ئالغان ئەمەسمەن! - دېدى پېترۇس.


چۈنكى، ئۇلارنى تەختنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قوزا باقىدۇ ۋە ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلاقلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ. خۇدا ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى پۈتۈن ياشلارنى سۈرتىدۇ، - دېدى.


ئۇ يەنە: «تامام بولدى. باش ۋە ئاخىر، مۇقەددەم ۋە تامام ئۆزۈمدۇرمەن. ئۇسسىغانلارغا ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلىقىدىن ھەقسىز سۇ بېرىمەن.


ئۇنىڭدىن كېيىن، پەرىشتە ماڭا خۇدانىڭ ۋە قوزىنىڭ تەختىد ىن باشلانغان، خرۇستالدەك سۈزۈك ھاياتلىق سۈيى ئېقىۋاتقان دەريانى كۆرسەتتى.


مۇقەددەس روھ ۋە تويى بولىدىغان قىز : «كەل!» دېدى. ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسىمۇ: «كەل!» دېسۇن. ئۇسسىغان كەلسۇن، خالىغان كىشى ھاياتلىق سۈيىدىن ھەقسىز ئىچسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite