Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 4:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەگەر سىز خۇدانىڭ سوۋغىتىنىڭ نېمىلىكى ۋە سىزدىن ئۇسسۇلۇق سورىغان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلسىڭىزىدى، ئۇنداقتا سىز ئۇنىڭدىن شۇنى تىلەيتتىڭىز-دە، ئۇمۇ سىزگە ھاياتلىق سۈيىنى بېرەتتى.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 4:10
49 Referans Kwoze  

ئەمما، مەن بېرىدىغان سۇنى ئىچكەنلەر مەڭگۈ ئۇسسىمايدىغان بولىدۇ. مەن بېرىدىغان سۇ، ئىچكەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئېتىلىپ چىقىدىغان بىر بۇلاققا ئايلىنىپ، ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بېرىدۇ.


چۈنكى، ئۇلارنى تەختنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قوزا باقىدۇ ۋە ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلاقلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ. خۇدا ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى پۈتۈن ياشلارنى سۈرتىدۇ، - دېدى.


مەن سىلەرنىڭ قاغجىرىغان يەرلىرىڭلارنى سۇغىرىمەن، قۇرۇپ كەتكەن زېمىنلىرىڭلاردا ئېقىنلارنى ئاققۇزىمەن. مەن ئۆز روھىمنى ئەۋلادلىرىڭلارغا ياغدۇرىمەن، مەن ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىمەن.


ئۇ يەنە: «تامام بولدى. باش ۋە ئاخىر، مۇقەددەم ۋە تامام ئۆزۈمدۇرمەن. ئۇسسىغانلارغا ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلىقىدىن ھەقسىز سۇ بېرىمەن.


چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىر كىشى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئۇنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىپ بەردى.


مېنىڭ خەلقىم رەزىل ئىشتىن ئىككىنى قىلدى: ئۇلار ھاياتلىق سۈيىنىڭ مەنبەسى بولغان مەندىن ۋاز كەچتى ھەمدە ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن سۇ ساقلىيالمايدىغان يېرىق قۇدۇقلارنى كولىدى.


مۇقەددەس روھ ۋە تويى بولىدىغان قىز : «كەل!» دېدى. ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسىمۇ: «كەل!» دېسۇن. ئۇسسىغان كەلسۇن، خالىغان كىشى ھاياتلىق سۈيىدىن ھەقسىز ئىچسۇن.


ئۇ كۈن كەلگەندە، ھاياتلىق سۈيى يېرۇسالېمدىن ئېقىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ يېرىمى ئۆلۈك دېڭىزغا، قالغان يېرىمى ئوتتۇرا دېڭىزغا قاراپ ئاقىدۇ. بۇ سۇ ياز ۋە قىش پەسلىمۇ مۇشۇنداق ئېقىپ تۇرىدۇ.


ئۆز ئوغلىنىمۇ ئايىماي، ئۇنى ھەممىمىز ئۈچۈن قۇربان بولۇشقا ئەۋەتكەن خۇدا بارلىقىنى بىزگە ئاتا قىلماي قالامدۇ؟


سىلەر خۇشاللىق بىلەن نىجاتلىق قۇدۇقىدىن سۇ ئېلىڭلار.


ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ھاياتلىق بېرىدىغان نان ئۆزۈمدۇرمەن! مېنىڭ يېنىمغا كەلگەنلەر ھەرگىز ئاچ قالمايدۇ. ماڭا ئېتىقاد قىلغانلار ھېچقاچان ئۇسسىمايدۇ.


ئۇلار ئاچ قالمايدۇ، ئۇسسۇزلۇقنىڭ ئازابىنى تارتمايدۇ، قۇياشنىڭ ھارارىتى ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ ئازابلىمايدۇ. مەن ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنى يېتەكلەپ ماڭىمەن، ئۇلارنى بۇلاقلارغا باشلاپ بارىمەن.


ئۇ كۈن كەلگەندە، پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقى ئۈچۈن بىر بۇلاق ئېتىلىپ چىقىدۇ. بۇ بۇلاق ئۇلارنىڭ بارچە گۇناھلىرى ۋە ناپاكلىقىنى يۇيىدۇ.»


مەڭگۈلۈك ھايات بولسا ھەقىقىي بىردىنبىر خۇدا - سېنى ۋە سەن ئەۋەتكەن ئەيسا مەسىھنى تونۇشتۇر.


ئەرشتىن چۈشكەن، «ھاياتلىق بېرىدىغان نان» ئۆزۈمدۇرمەن. كىمدەكىم بۇ «نان»~دىن يېسە، مەڭگۈ ياشايدۇ. بۇ «نان» مېنىڭ تېنىمدۇر. مەن دۇنيادىكى ئىنسانلار ھەقىقىي ھاياتقا ئىگە بولسۇن دەپ، ئۇنى ئاتىماقچى.


چۆللۈكلەردىكى ياۋايى ھايۋانلار ماڭا شۈكۈر ئېيتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە چىلبۆرە ۋە تۆگە قۇشلارمۇ بار. چۈنكى مەن چۆللۈكتە بۇلاقلارنى پەيدا قىلىمەن، قۇملۇقتا دەريا ھاسىل قىلىمەن. بۇلاردىن مەن تاللىغان خەلقىم سۇ ئىچىدۇ.


ئاقساقلار بۇغىلاردەك تاقلاپ يۈرىدۇ، گاچىلار خۇشاللىقتىن ۋارقىرايدۇ. سۇلار چۆللەرگە ئېقىپ كىرىدۇ. دەريالار قۇملۇقلارغا ئاقىدۇ.


باردۇر ئېقىنلىرى شادلىق ئېلىپ كېلىدىغان بىر دەريا، خۇدانىڭ شەھىرى _ ئۇلۇغ خۇدانىڭ مۇقەددەس ماكانىغا.


مەن سىناي تېغىدىكى بىر قورام تاشنىڭ ئۈستىدە سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرىمەن. سەن قورام تاشنى ئۇرغىن، سىلەرگە ئىچكىلى سۇ چىقىدۇ، _ دېدى. مۇسا ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ ئالدىدا شۇنداق قىلغانىدى، سۇ ئېتىلىپ چىقتى.


تىل بىلەن تەسۋىرلىگىلى بولمايدىغان ئىلتىپاتى، يەنى ئۆز ئوغلىنى ئاتا قىلغىنى ئۈچۈن، خۇداغا شۈكۈرلەر بولغاي!


گۇناھكار بولغان سىلەر پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى نەرسىلەرنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتاڭلار تىلىگەنلەرگە مۇقەددەس روھىنى ئىلتىپات قىلماسمۇ؟


«مەن پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىم ئايان بولسۇن دەپ، سېنى تاللىدىم. مەن قولۇڭنى تۇتۇپ، سېنى قوغدايمەن. مەن سېنى ئىسرائىللارغا ئەھدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىمەن. مەن سېنى بارلىق ئەللەرنى يورۇتىدىغان نۇر قىلىمەن.


سىلەر ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدۇڭلار. بۇ سىلەرنىڭ ئەجرىڭلاردىن كەلگەن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن كەلگەن ئىلتىپاتتۇر.


سىلەر خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولدۇڭلار. خۇدا ئۇنى بىزنىڭ دانالىقىمىزنىڭ مەنبەسى قىلدى. بىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا ئالدىدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندۇق. ئۇ بىزنى پاك قىلىپ، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلدى.


بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇلىدۇ، بىزگە بىر ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىنىدۇ. ھاكىمىيەت ئۇنىڭ زىممىسىدە بولىدۇ، ئۇنىڭ نامى ئاجايىپ مەسلىھەتچى، قۇدرەتلىك خۇدا، مەڭگۈلۈك ئاتا، تىنچلىقنىڭ شاھى، دەپ ئاتىلىدۇ.


يەنە بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئوغلى دۇنياغا كەلدى ۋە ھەقىقىي خۇدانى تونۇشىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزگە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى. بىز ھەقىقىي خۇداغا باغلىنىپ ياشاۋاتىمىز. چۈنكى، بىز ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھكە باغلانغانمىز. ئەيسا مەسىھ ھەقىقىي خۇدادۇر ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر!


ئۇلار بۇلارنى يا ئاتامنى، يا مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن قىلىدۇ.


رەببىمىز ئەيسا ئۇنىڭغا: - سەن دەرھال «تۈز» كوچىسىغا بېرىپ، يەھۇدانىڭ ئۆيىدىن تارسۇسلۇق سائۇل ئىسىملىك بىرىنى تاپ، چۈنكى شۇ تاپتا ئۇ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتىدۇ.


ئى پەرۋەردىگار، قۇلاق سالىسەن ئېزىلگەنلەرنىڭ ئىستەكلىرىگە، قۇۋۋەت بېرىسەن ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىگە. كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىسەن دۇئا-تىلاۋەتلىرىگە.


باغدىكى بۇلاقتۇرسەن سۇلىرى ساپ، ئاقىسەن لىۋان تاغلىرىدىن شارقىراپ.


بەزى ئادەملەرنى توۋا قىلدۇرۇپ، قايتىدىن خۇدا يولىغا باشلاش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، ئۇلار بىر چاغلاردا خۇدانىڭ نۇرى بىلەن يورۇتۇلغان، خۇدانىڭ ئىلتىپاتىدىن بەھرىمەن بولغان، مۇقەددەس روھقا ئورتاق بولغان،


ئەي پاھىشە يېرۇسالېم، سۆزلىرىمگە قۇلاق سال.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite