6 ئاتا-ئانىسىدىن تۆرەلگەنلەر جىسمانىي ھاياتلىققىلا ئىگە بولىدۇ. بىراق، خۇدانىڭ روھىدىن تۆرەلگەنلەر روھىي ھاياتلىققىمۇ ئىگە بولىدۇ.
بىر كىشى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولىدىكەن، ئۇ يېڭىدىن يارالغان ئادەمدۇر. ئۇنىڭ كونا ھاياتى ئاخىرلىشىپ، يېڭىسى باشلانغان بولىدۇ.
خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغان كىشى گۇناھ سادىر قىلىۋەرمەيدۇ. ئۇنىڭدا خۇدانىڭ تەبىئىتى مەۋجۇت بولغاچقا، گۇناھ سادىر قىلىۋېرەلمەيدۇ.
ۋەھالەنكى، رەببىمىز بىلەن بىرلەشكەن كىشى بولسا ئۇنىڭ بىلەن روھىي جەھەتتە بىر بولىدۇ.
ئىچىمدە، يەنى گۇناھكار تەبىئىتىمدە ياخشىلىقنىڭ يوقلۇقىنى بىلىمەن. چۈنكى، ياخشىلىق قىلىش نىيىتىم بار بولسىمۇ، ئىقتىدارىم يوق.
خۇدا دۇنياغا نەزەر سېلىپ، دۇنيانىڭ كىشىلەرنىڭ رەزىللىكلىرىدىن ئىنتايىن بۇزۇلغانلىقىنى كۆردى.
بىر پاك يۈرەك ئاتا قىلغىن ماڭا رەببىم، ئىخلاسمەن قەلبنى قايتا قىلىپ تەقدىم.
خۇدانىڭ ئالدىدا ئىنساننى قانداقمۇ ھەققانىي دېگىلى بولسۇن؟ ئايال زاتىدىن تۇغۇلغانلارنى قانداقمۇ پاك دېگىلى بولسۇن؟
ناپاك ئادەمنى كىم تازىلىيالايدۇ؟ ھېچكىم!
چۈنكى، گۇناھكار تەبىئىتىڭلارغا بويسۇنۇپ ياشىساڭلار، مەڭگۈلۈك ھالاك بولىسىلەر. لېكىن، مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، گۇناھكار تەبىئىتىڭلار ئارزۇ قىلغان گۇناھتىن قول ئۈزسەڭلار، مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىسىلەر.
بۇرۇن ھەممىمىز ھەم شۇنداق ياشىغانىدۇق. ئۆز گۇناھكار تەبىئىتىمىزنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە بېرىلىپ، شەخسىيەتچىلىككە تولغان ئوي-خىياللىرىمىز بويىچە ياشايتتۇق. شۇڭا، بىزمۇ خۇدانىڭ جازاسىغا ئۇچراشقا لايىق ئىدۇق.
سىلەر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، جىسمانىي جەھەتتىكى خەتنىنى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاتا قىلغان روھىي جەھەتتىكى خەتنىنى قوبۇل قىلدىڭلار. بۇ، سىلەرنى گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئىلكىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان خەتنىدۇر.
ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئۆزىنىڭ گۇناھكار تەبىئىتى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق يامان ھەۋەسلەرنى كرېستكە مىخلىغان بولىدۇ.
بۇ ھوقۇققا ئېرىشكەنلەر يا قاندىن، يا جىنسىي تەلەپتىن، يا ئىنسان خاھىشىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسىدىن قايتا تۆرەلگەن بولىدۇ.
بۇرۇن بىز گۇناھكار تەبىئىتىمىزنىڭ ئىلكىدە بولغاچقا، بىزنى گۇناھقا ئېلىپ بارىدىغان ھەۋەسلىرىمىزنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتتۇق. بۇ ھەۋەسلىرىمىز تەۋرات قانۇنىنى بىلىشىمىز بىلەن تېخىمۇ قوزغىلىپ، تېنىمىزدىكى ئەزالارنى قۇتراتتى. نەتىجىدە، بىز ئۆزىمىزنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان ئىشلارنى قىلدۇق.
پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ شۇنچىلىك رەزىل ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ نىيىتىنىڭ ھەرقاچان يامان ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ،
ئادەمئاتا 130 يېشىدا ئۆزىگە ئوخشايدىغان يەنە بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى سېت قويدى.
خۇداغا شۈكۈر، خۇدا مېنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق قۇتقۇزىدۇ! مېنىڭ ئەھۋالىم مانا مۇنداق: قەلبىم بىلەن خۇدانىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلىشنى خالايمەن، لېكىن ئەمەلىيىتىمدە گۇناھكار تەبىئىتىم سەۋەبىدىن گۇناھنىڭ قۇلى بولىمەن.
سىزگە: «قايتىدىن تۆرىلىشىڭلار كېرەك» دېسەم، ھەيران بولماڭ.