20 كىمدەكىم يامانلىق قىلسا، نۇرغا ئۆچ بولىدۇ ۋە قىلغان-ئەتكەنلىرىم ئاشكارا بولۇپ قالمىسۇن دەپ، نۇردىن قاچىدۇ.
بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر سىلەرنى ھەرگىز ئۆچ كۆرمەيدۇ، لېكىن مېنى ئۆچ كۆرىدۇ. چۈنكى، مەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى رەزىل دەپ، گۇۋاھلىق بېرىۋاتىمەن.
تاڭ نۇرىغا ئوخشار ھەققانىيلارنىڭ يولى، قۇياش تولۇق كۆتۈرۈلگىچە نۇرلىنار يورۇغانسېرى.
چۈنكى نەپرەتلەندىڭلار سىلەر بىلىمدىن، تاللىمىدىڭلار ئەيمىنىشنى خۇدادىن.
ئۆچ كۆرىدىغان تۇرساڭ تەلىملىرىمنى، رەت قىلىدىغان تۇرساڭ سۆزلىرىمنى.
_ بۇ يەردە پەرۋەردىگاردىن سوئال سورىيالايدىغان بىرى بار، _ دېدى ئاخاب، _ لېكىن مەن ئۇنىڭغا ئۆچ. چۈنكى ئۇ مەن ھەققىدە ۋەھىي يەتكۈزگەندە، ھەمىشە ياخشى گەپ قىلمايدۇ، يامان گەپ قىلىدۇ. ئۇ يىملاھنىڭ ئوغلى مىكايادۇر. _ پادىشاھ تۇرۇپ بۇنداق دېسىلە بولمايدۇ! _ دېدى يىھوشافات.
مەسخىرە قىلغۇچى تەنبىھنى ياقتۇرماس، دانالارنىڭ ئالدىغا ئۇ بارماس.
شۇ چاغ دەيسەنكى: _ نېمىشقىمۇ تەربىيىنى ئۆچ كۆرگەندىمەن؟ كۆڭلۈمدە تەنبىھلەرنى مەنسىتمىگەندىمەن؟
مەلۇم بىر تەۋرات ئۇستازى ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستاز، بۇ سۆزلىرىڭىز بىزگىمۇ ھاقارەت بولدى! - دېدى.
ئۇنداقلار توغرا يولنى تاشلاپ، زۇلمەتتە ياشار،
ئۇلار ئارقا-ئارقىدىن زوراۋانلىق ۋە ئالدامچىلىق قىلىدۇ. ئۇلار مېنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىشنى رەت قىلىدۇ.»
لېكىن، كىمدەكىم ھەقىقەت بويىچە ئىش قىلسا، ئىشلىرىمنى خۇداغا تايىنىپ قىلغانلىقىم مەلۇم بولسۇن دەپ، نۇرغا يېقىن كېلىدۇ.
ئۇ ئەتكەن تامىقىنى ئېلىپ كېلىپ، ئامنوننىڭ ئالدىغا قويغانىدى، ئامنون تاماقنى يېگىلى ئۇنىماي، خىزمەتكارلىرىغا: «ھەممىڭلار بۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭلار!» دېدى. ھەممەيلەن ئۇنىڭ يېنىدىن چىقىپ كېتىشتى.
ئەمما ئۇ يېرىم كېچىدە ئاجىزەلىرى ئۇخلاۋاتقاندا، يېنىمدىكى ئوغلۇمنى ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆلگەن ئوغلىنى مېنىڭ يېنىمغا ياتقۇزۇپ قويۇپتۇ.
كۆز قىسىش بىلەن شۇملۇق ئويلار، لېۋىنى چىڭ يۇمۇش بىلەن يامانلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرار.