Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 21:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ھەزرىتى ئەيسانىڭ ياخشى كۆرگەن شاگىرتى پېترۇسقا: - بۇ رەببىمىزغۇ! - دېدى. سىمۇن پېترۇس ئۇنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، سېلىۋەتكەن چاپىنىنى كىيىپ، سۇغا سەكرىدى.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 21:7
20 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ دەپ قارالغان شاگىرت ئۇنىڭ يېنىدا يانپاشلاپ ياتاتتى.


ئۇ يۈگۈرگەن پېتى سىمۇن پېترۇس ۋە ھەزرىتى ئەيسا ياخشى كۆرىدىغان ھېلىقى شاگىرتنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇلارغا: - رەببىمىزنى يەرلىكىدىن ئېلىۋېتىپتۇ، قەيەرگە قويغانلىقىنى بىلمىدۇق! - دېدى.


ھەزرىتى ئەيسا ئانىسى بىلەن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان شاگىرتىنىڭ بىرگە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئانىسىغا: - ئانا، بۇ سىزنىڭ ئوغلىڭىز بولسۇن، - دېدى.


بىزنى شۇنداق قىلىشقا قىستاۋاتقىنى ئەيسا مەسىھنىڭ مۇھەببىتىدۇر. بىز ئەيسا مەسىھنىڭ ھەممىمىز ئۈچۈن ئۆلگەنلىكىگە ئىشەنگەنىكەنمىز، ئۆزىمىزنىڭ بۇرۇن ياشاپ كەلگەن ھاياتىمىزغا نىسبەتەن ئۆلگەنلىكىمىزگىمۇ ئىشىنىمىز.


بۇ ئىشلارغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى ھەمدە بۇ ئىشلارنى خاتىرىلىگۈچى ئەنە شۇ شاگىرتتۇر. بىزمۇ بىلىمىزكى، ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى ھەقتۇر.


پېترۇس كەينىگە بۇرۇلۇپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ياخشى كۆرىدىغان شاگىرتىنىڭ ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. (بۇ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاخىرقى كەچلىك تامىقىدا ئۇنىڭغا يېقىن ئولتۇرۇپ: «ئى رەببىم، سىزنى تۇتۇپ بەرمەكچى بولغان كىمدۇ؟» دەپ سورىغان شاگىرت ئىدى.)


سىلەر خۇدا ئىسرائىل خەلقىگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغانغۇ. خۇدا پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي ئىسرائىل قېرىنداشلار، شۇنى قەتئىي بىلىشىڭلار كېرەككى، خۇدا سىلەر كرېستكە مىخلاپ ئۆلتۈرگەن ھەزرىتى ئەيسانى ھەم رەببىمىز، ھەم بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن ئازاد قىلىدىغان قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ قىلىپ تەيىنلىدى! - دېدى.


قىسقىسى ساڭا ئېيتايكى، ئۇنىڭ نۇرغۇن گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسى كەچۈرۈم قىلىندى. شۇڭا، ئۇنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى چوڭقۇر. لېكىن، ئاز كەچۈرۈم قىلىنغاننىڭ كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىمۇ ئاز، - دېدى.


بۈگۈن پادىشاھ داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيتلەھەم يېزىسىدا رەببىڭلار بولغان قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ دۇنياغا كەلدى!


ئەگەر بىرى سىلەردىن: «نېمىشقا بۇنداق قىلىسىلەر؟» دەپ سوراپ قالسا، «رەببىمىزنىڭ بۇنىڭغا ھاجىتى چۈشتى، بىردەمدىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىدۇ» دەڭلار.


سۆيگۈنى ئۆچۈرەلمەس ئۇلۇغ سۇلار، چۆكتۈرەلمەس ئۇنى توپانلار. ئەگەر بىركىم ئۇنى سېتىۋالىمەن دېسە بايلىقىغا، ئاخىر ئۆزى مەسخىرىگە قالار.


پەرۋەردىگارنىڭ قىلغان ئىشىدۇر بۇ، كۆز ئالدىمىزدا كارامەت بولدى ئۇ.


قېرىنداشلىرىم، سىلەر ئۇلۇغ رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانىكەنسىلەر، باشقىلارغا ئىككى خىل كۆز بىلەن قارىماڭلار.


دەسلەپكى ئىنسان يەردىن، يەنى توپىدىن يارىتىلدى. كېيىنكى ئىنسان، يەنى ئەيسا مەسىھ ئەرشتىن كەلدى.


- سەن مېنىڭ رەببىم ھەم خۇدايىمسەن! - دېدى توماس ئۇنىڭغا جاۋابەن.


ۋە ئارقىدىنلا قوللىرى ۋە بىقىنىنى ئۇلارغا كۆرسەتتى. شاگىرتلار رەببىنى كۆرگىنىدىن قىن-قىنىغا پاتماي خۇشال بولۇشۇپ كەتتى.


- خۇددى بېلىنى چىڭ باغلاپ، چىراغلىرىنى ياندۇرۇپ،


قالغانلار قىرغاقتىن ئانچە يىراق ئەمەس، تەخمىنەن يۈز مېتىرچە يىراقلىقتا بولۇپ، بېلىق بىلەن تولغان تورنى كېمە بىلەن تارتىپ قىرغاققا كەلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite