Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 21:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 سىمۇن پېترۇس: - مەن بېلىق تۇتقىلى بارىمەن، - دېدى. كۆپچىلىك: - بىزمۇ سەن بىلەن بىللە بارىمىز، - دېيىشتى. ئۇلار تاشقىرىغا چىقىپ، كېمىگە ئولتۇردى، لېكىن كېچىچە ھېچ نەرسە تۇتالمىدى.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 21:3
11 Referans Kwoze  

- ئۇستازىم، بىز كېچىچە جاپا تارتىپ ھېچ نەرسە تۇتالمىدۇق، - دېدى سىمۇن، - بىراق، دېگىنىڭىزگە بىنائەن تورنى سالساق سالايلى.


قېرىنداشلار، بىزنىڭ قانداق تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلىگەنلىكىمىز جەزمەن ئېسىڭلاردا باردۇر. بىز ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمىزنى سالماسلىق ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن كېچە-كۈندۈزلەپ ئىشلەپ تۇرمۇشىمىزنى قامدىساق، يەنە بىر تەرەپتىن خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزدۇق.


دېمەك، مۇھىمى تېرىغۇچى ياكى سۇغارغۇچى ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئۆستۈرگۈچى خۇدادۇر. چۈنكى، پەقەت خۇدالا سىلەرنى ئېتىقاد جەھەتتە پىشىپ يېتىلدۈرەلەيدۇ.


ئەجەبا، پەقەت بارنابا بىلەن مەنلا ئېتىقادچىلار تەرىپىدىن تەمىنلەنمەي، ئۆز ئەمگىكىمىز بىلەن كۈن كەچۈرۈشىمىز كېرەكمۇ؟


مەن ئىككى بىلىكىمگە تايىنىپ، ئۆزۈمنىڭ ۋە ھەمراھلىرىمنىڭ ھاجىتىدىن چىقتىم.


ئۇلارنىڭ يېنىدا قېلىپ ئىشلىدى. چۈنكى، بۇرۇندىن چېدىر ياساش بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان پاۋلۇس ئۇلار بىلەن كەسىپداش چىقىپ قالدى.


تاڭ ئاتقاندا، ھەزرىتى ئەيسا سۇ بويىدا تۇراتتى، بىراق شاگىرتلار ئۇنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ئىكەنلىكىنى بىلمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite