يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 21:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى22 - ئەگەر مەن قايتا كەلگۈچە ئۇنىڭ ھايات بولۇشىنى خالىسام، بۇنىڭ سەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟! ماڭا ئەگىشىۋەر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا. Gade chapit la |
شۇڭا، قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا قايتا كېلىدىغان كۈنگىچە سەۋر-تاقەت قىلىپ تۇرۇڭلار. دېھقانلار مول ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن باھار ۋە كۈز يامغۇرلىرىنى سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتكىنىگە ئوخشاش، سىلەرمۇ ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىشىنى سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتۈڭلار. ئىرادەڭلار مۇستەھكەم بولسۇن. چۈنكى، رەببىمىز ئەيسانىڭ قايتا كېلىشىگە ئاز قالدى.