Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 21:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 سىمۇن پېترۇس، «قوشكېزەك» دەپ ئاتىلىدىغان توماس، جەلىلىيىدىكى كانالىق ناتانيەل، زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ۋە باشقا ئىككى شاگىرت بىللە ئىدى.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 21:2
12 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىدە تۇرغان ۋاقتىدا، كانا يېزىسىغا يەنە باردى. (ئۇ دەل شۇ يېزىدىكى بىر تويدا سۇنى شارابقا ئايلاندۇرغانىدى.) شۇ كۈنلەردە، كەپەرناھۇم شەھىرىدە ئوغلى كېسەل بولۇپ ياتقان بىر ئوردا ئەمەلدارى بار ئىدى.


فىلىپ ناتانيەلنى تېپىپ، ئۇنىڭغا: - مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا ئالدىن ئېيتقان، باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ تىلغا ئالغان قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنى تاپتۇق. ئۇ، يۈسۈپنىڭ ئوغلى ناسىرەلىك ئەيسا ئىكەن! - دېدى.


- سەن مېنىڭ رەببىم ھەم خۇدايىمسەن! - دېدى توماس ئۇنىڭغا جاۋابەن.


«قوشكېزەك» دەپ ئاتىلىدىغان توماس باشقا شاگىرتلارغا: - بىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارايلى ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلەيلى، - دېدى.


بۇ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەسلەپكى مۆجىزىسى بولۇپ، جەلىلىيىنىڭ كانا يېزىسىدا كۆرسىتىلگەنىدى. بۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئايان قىلدى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنى خۇدانىڭ ئەۋەتكەنلىكىگە ئىشەندى.


باشقا كېمىدىكى شېرىكلىرى - زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن يۇھاننامۇ ھەيران بولدى. ھەزرىتى ئەيسا سىمۇنغا: - قورقما، بۇنىڭدىن كېيىن بېلىق تۇتۇشنىڭ ئورنىغا، ماڭا ئادەم تۇتىسەن، - دېدى.


ئەبرون، رىخوب، خاممون، قاناھ شەھىرىگە بېرىپ ۋە تېخىمۇ يىراقلاپ ئۇدۇل بۈيۈك سىدون شەھىرىگە تۇتىشىدۇ.


فىلىپ ۋە بارتولوماي، توماس ۋە باجگىر مەتتا، ھالپاينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە تاداي،


كۆل بويىدا بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن يۇھاننانى كۆردى. ئۇلار كېمىدە تورلىرىنى ئوڭشاۋاتاتتى.


ئىككى كۈندىن كېيىن، جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ كانا يېزىسىدا بىر توي بولدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەم ئۇ يەردە ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite