Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 21:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 ھەزرىتى ئەيسا: - كېلىڭلار، تاماق يەڭلار، - دېدى. شاگىرتلارنىڭ ئىچىدە بىرەرسىمۇ ئۇنىڭدىن: - سىز كىم بولىسىز؟ - دەپ سوراشقا پېتىنالمىدى. چۈنكى، ئۇلار ئۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ رەببى ئىكەنلىكىنى بىلدى.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 21:12
9 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ سورىماقچى بولغان سوئالىنى بىلىپ، مۇنداق دېدى: - مېنىڭ «ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، مېنى كۆرمەيسىلەر. يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مېنى كۆرىسىلەر» دېگىنىمنىڭ مەنىسىنى بىر-بىرىڭلاردىن سوراۋاتامسىلەر؟


تاماقتىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا سىمۇن پېترۇستىن: - يۇھاننا ئوغلى سىمۇن، سەن مېنى بۇلاردىنمۇ چوڭقۇر سۆيەمسەن؟ - دەپ سورىدى. - شۇنداق رەببىم، مېنىڭ سىزنى سۆيىدىغانلىقىمنى سىز بىلىسىز! - دېدى پېترۇس. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ئۇنداقتا، قوزىلىرىمنى ئوتلات! - دېدى.


شاگىرتلار بۇ سۆزلەرنى چۈشەنمىدى، بىراق ھەزرىتى ئەيسادىن سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى.


دەل شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭ بىر سامارىيىلىك ئايال بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىغا ھاڭ-تاڭ قېلىشتى، لېكىن، ھېچقايسىسى ھەزرىتى ئەيسادىن: «سىز ئۇنىڭدىن نېمە سورىماقچىسىز؟» ياكى «سىز نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىسىز؟» دەپمۇ سورىمىدى.


بىراق، ئۇلار بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمىدى. چۈنكى، بۇنىڭ مەنىسى قەستەن يوشۇرۇلغانىدى. ئۇلار ئۇنىڭدىن بۇ سۆزنىڭ تېگىنى سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى.


ھەزرىتى ئەيساغا ھېچكىم گەپ قايتۇرالمىدى. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن، ھېچكىم ئۇنىڭدىن سوئال سوراشقا پېتىنالمىدى.


سىمۇن پېترۇس كېمىگە چىقىپ، تورنى قىرغاققا تارتىپ چىقاردى. تور چوڭ بېلىقلار بىلەن تولغان بولۇپ، جەمئىي بىر يۈز ئەللىك ئۈچ بېلىق بار ئىدى. بېلىق شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، تور يىرتىلمىغانىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite