4 ئىككىيلەن بىللە يۈگۈرۈشۈپ ماڭدى، لېكىن ھېلىقى شاگىرت پېترۇستىن تېز يۈگۈرۈپ، يەرلىككە بىرىنچى بولۇپ يېتىپ باردى.
ئاخىمائاز يەنە: _ مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، تېز بېرىپ، خەۋەر يەتكۈزەي! _ دېدى. _ بوپتۇ بارغىن! _ دېدى يوئاب. شۇنىڭ بىلەن ئاخىمائاز ئىئوردان تۈزلەڭلىكىنى بويلاپ يۈگۈرۈپ، ھېلىقى كۇشلاردىن بولغان ئادەمدىن ئۆتۈپ كەتتى.
بىر كىشى رازىمەنلىك بىلەن چامىسىنىڭ يېتىشىچە بەرسە، بۇ ئىش خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. خۇدا ھەرگىزمۇ بىركىمدىن ئۆزىدە يوقىنىمۇ بېرىشنى تەلەپ قىلمايدۇ.
يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە چۈشكەنلەرنىڭ ھەممىسى يۈگۈرگەن بولسىمۇ، مۇكاپاتنى يالغۇز بىرلا كىشىنىڭ ئالىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. سىلەرمۇ خۇدانىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن يېڭىپ چىققان تەنھەرىكەتچىدەك يۈگۈرۈشۈڭلار كېرەك.
روھانىي تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. ئەگەر يارا تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ كەتكەن، يارا ئۈستىدىكى تۈكلەرمۇ سارغىيىپ، ئىنچىكىلەپ كەتكەن بولسا، ئۇ ئادەمنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن. چۈنكى بېشى ياكى ئىڭىكىدە پەيدا بولغىنى تەمرەتكە بولۇپ، تېرە كېسىلى ھېسابلىنىدۇ.
پېترۇس بىلەن ھېلىقى شاگىرت تاشقىرىغا چىقىپ، يەرلىككە قاراپ يول ئالدى.
ئۇ ئېڭىشىپ ئىچىگە قاراپ، كەندىر كېپەننىڭ ئۇ يەردە يېيىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆردى، لېكىن ئىچكىرىگە كىرمىدى.
ئاندىن، يەرلىككە ئاۋۋال كەلگەن شاگىرتمۇ يەرلىكنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئەھۋالنى كۆرۈپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە ئىشەندى.