16 - مەريەم! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا. مەريەم بۇرۇلۇپلا، ئىبرانىي تىلىدا: - راببونى! - دېدى. (بۇ سۆز «ئۇستاز» دېگەن مەنىدە.)
كۆزەتچى ئىشىكنى قويچىغا ئېچىپ بېرىدۇ. قويلار قويچىنىڭ ئاۋازىنى تونۇيدۇ، ئۇمۇ ئۆز قويلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى چاقىرىپ ئۇلارنى سىرتقا ئېلىپ چىقىدۇ.
ھەزرىتى ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلاردىن: - نېمىگە ھاجىتىڭلار چۈشۈپ قالدى؟ - دەپ سورىدى. ئۇلار: - راببونى (بۇ ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، «ئۇستاز» دېگەن مەنىدە)، قەيەردە تۇرىسىز؟ - دېدى.
بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە، ئۇنىڭغا بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈندى. ئۇ خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى ئوچۇق كۆردى. پەرىشتە ئۇنى: - كورنىلىي! - دەپ چاقىردى.
يەرگە يىقىلغان سائۇلغا: - سائۇل، سائۇل! ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟ - دېگەن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.
خالايىق ئۇنى كۆلنىڭ ئۇ قېتىدا تاپقاندىن كېيىن: - ئۇستاز، بۇ يەرگە قاچان كەلدىڭىز؟ - دەپ سوراشتى.
ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەرنى ياراتقان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار، ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەرنى ئاپىرىدە قىلغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قورقماڭلار، مەن سىلەرنى قوغدايمەن. مەن سىلەرنى ئۆز خەلقىم بولۇشقا چاقىرغان، سىلەر ماڭا تەئەللۇق.
بىراق پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئەرشتىن: _ ئىبراھىم! ئىبراھىم! _ دەپ ۋارقىرىدى. _ لەببەي! _ دېدى ئۇ.
- سەن مېنىڭ رەببىم ھەم خۇدايىمسەن! - دېدى توماس ئۇنىڭغا جاۋابەن.
سىلەر مېنى «رەببىم» ۋە «ئۇستازىم» دەيسىلەر. راست ئېيتىسىلەر، ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق.
مارتا بۇنى دەپ بولغاندىن كېيىن، قايتىپ سىڭلىسى مەريەمنى ئاستىغىنا چاقىرىپ: - ئۇستازىمىز كېلىپ بولدى. سېنى چاقىرىۋاتىدۇ، - دېدى.
يېرۇسالېمدىكى «قوي دەرۋازىسى»~نىڭ يېنىدا ئىبرانىي تىلىدا «بەيتەستا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كۆلچەك بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا بەش پېشايۋان بار ئىدى.
ناتانيەل ھەزرىتى ئەيسانىڭ باشقىلار كۆرەلمەيدىغان ئىشلارنى كۆرەلەيدىغانلىقىدىن ھەيران بولۇپ: - ئۇستاز، سىز شەكسىزكى خۇدانىڭ ئوغلى، ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى ئىكەنسىز! - دەپ ئېتىراپ قىلدى.
بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەي مارتا، سەن زىيادە ئىشلارغا باش قاتۇرۇپ ئاۋارە بولۇپ يۈرۈۋاتىسەن.
لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا دەرھال ئۇلارغا: - خاتىرجەم بولۇڭلار، بۇ مەن، قورقماڭلار! - دېدى.
ئۇيقۇدا ئىدىم، لېكىن ئويغاق ئىدى كۆڭلۈم، چۈشۈمدە ئاڭلىدىم سۆيۈملۈكۈمنىڭ ئاۋازىنى، مانا، ئۇ قاقتى ئىشىكنى! ئىشىكنى ئاچ سىڭلىم _ ئامرىقىم، ئېھ مېنىڭ غۇبارسىز كەپتىرىم. شەبنەم چۈشۈپ بېشىمغا، كېچىدە ھۆل بولدى چېچىم.
ئۇلاردىن ئايرىلىپلا تاپتىم ئاشىقىمنى. قويۇپ بەرمىدىم قۇچاقلاپ ئۇنى، تاكى ئەكىرمىگۈچە ئانامنىڭ ئۆيىگە _ ماڭا ھامىلىدار بولغۇچىنىڭ خانىسىگە.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ، بايىقىدەك: _ سامۇئىل! سامۇئىل! _ دەپ چاقىردى. _ سۆزلەۋەرگىن، قۇلۇڭنىڭ قۇلىقى سەندە! _ دەپ جاۋاب بەردى سامۇئىل.
پەرۋەردىگار يەنە: _ سامۇئىل! _ دەپ چاقىردى. سامۇئىل يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەلىنىڭ يېنىغا باردى ۋە: _ مېنى چاقىرغانىدىڭىز، مانا مەن كەلدىم! _ دېدى. _ مەن سېنى چاقىرمىدىم بالام. بېرىپ، جايىڭدا ياتقىن، _ دېدى ئۇ.
پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سېنىڭ تەلىپىڭ بويىچە ئىش كۆرىمەن. چۈنكى سەن مېنىڭ ئىلتىپاتىمغا ئېرىشتىڭ. مەن سېنى ئالاھىدە مەقسەت بىلەن تاللىدىم، _ دېدى.
مۇسانىڭ يېقىنلاپ كەلگىنىنى كۆرگەن پەرۋەردىگار چاتقاللىقنىڭ ئىچىدىن: _ مۇسا! مۇسا! _ دەپ چاقىردى. _ مانا مەن! _ دەپ جاۋاب بەردى مۇسا.
يۈسۈپ يەنە: _ مانا، مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى ھەممىڭلار ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار، بىنيامىن سەنمۇ كۆردۈڭ.
بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن، خۇدا ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادىنى سىناپ: _ ئىبراھىم! _ دەپ چاقىردى. ئىبراھىم: _ لەببەي! _ دېدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭدىن: - مەندىن نېمە تەلەپ قىلىسەن؟ - دەپ سورىدى. قارىغۇ: - ئۇستاز، كۆزۈمنىڭ ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن! - دېدى.