Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 20:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 يەكشەنبە كۈنى تاڭ تېخى يورۇمىغاندا، مەجدەللىك مەريەم ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەرلىكىگە باردى ۋە ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزىدىكى تاشنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 20:1
19 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى تاڭ سەھەردە تىرىلگەندىن كېيىن، ئاۋۋال مەجدەللىك مەريەمگە كۆرۈندى. ئۇ بۇ ئايالنىڭ تېنىدىن يەتتە جىننى ھەيدىۋەتكەنىدى.


ۋە ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن قىيادا ئويدۇرغان يېڭى قەبرىگە قويدى. ئاندىن، قەبرىنىڭ ئاغزىغا يوغان بىر قورام تاشنى دومىلىتىپ قويۇپ كېتىپ قالدى.


يۈسۈپ كەندىر رەخت سېتىۋېلىپ، جەسەتنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ كېپەنلىدى ۋە قىيادا ئويۇلغان بىر قەبرىگە دەپنە قىلىپ، ئاغزىغا يوغان بىر قورام تاشنى دومىلىتىپ قويدى.


بىر ھەپتىدىن كېيىن، شاگىرتلار يەنە شۇ ئۆيدە جەم بولغان بولۇپ، توماسمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. ئىشىكلەر تاقاقلىق بولسىمۇ، ھەزرىتى ئەيسا كىرىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ: - ئامان بولۇڭلار! - دېدى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ كرېستىنىڭ يېنىدا ئانىسى، ئانىسىنىڭ سىڭلىسى، كلوپانىڭ ئايالى مەريەم ۋە مەجدەللىك مەريەملەر تۇراتتى.


رەببىمىزنىڭ كۈنىدە مۇقەددەس روھنىڭ مېنى ئىلكىگە ئېلىشى بىلەن، كەينىمدىن كەلگەن كاناي ئاۋازىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۈنلۈك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.


شۇنىڭ ئۈچۈن، قەبرىنى ئۈچىنچى كۈنىگىچە قوغداش ئۈچۈن ئەمر بەرگەيسىز. ئۇنداق قىلمىغاندا، شاگىرتلىرى كېلىپ جەسەتنى ئوغرىلاپ كېتىپ، خەلققە: «ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدى» دېيىشى مۇمكىن. ئۇ ئىغۋاگەرچىلىك ئالدىنقىسىدىنمۇ بەتتەر بولىدۇ، - دېيىشتى.


ھەر يەكشەنبە كۈنى، ھەربىرىڭلار ھەپتىلىك تاپاۋىتىڭلارغا قاراپ، ئۇنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئىئانىگە ئاجرىتىپ توپلاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا پۇل توپلىنىپ بولغان بولىدۇ.


يەكشەنبە كۈنى، بىز ناننى بۆلۈشۈپ، ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدۇق. پاۋلۇس ئەتىسى كەتمەكچى بولغاچقا، كۆپچىلىككە تۈن يېرىمگىچە تەلىم بەردى.


ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەجدەللىك مەريەم، ياقۇپ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئانىسى مەريەم، زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئانىسىمۇ بار ئىدى.


ئۇلار لەشكەرلەر بىلەن بىللە بېرىپ، تاشنى پېچەتلەپ، قەبرىنى مۇھاپىزەت ئاستىغا ئالدى.


دەم ئېلىش كۈنى ئۆتۈپ يەكشەنبە كۈنى تاڭ سۈزۈلگەندە، مەجدەللىك مەريەم بىلەن يەنە بىر مەريەم قەبرىنى يوقلاپ باردى.


تۇيۇقسىز قاتتىق يەر تەۋرەپ كەتتى، چۈنكى رەبنىڭ پەرىشتىلىرىدىن بىرى ئاسماندىن چۈشۈپ، قەبرىگە بېرىپ تاشنى بىر يانغا دومىلىتىپ، ئۈستىدە ئولتۇرغانىدى.


ھەزرىتى ئەيسا ئىچىدە يەنە غەزەپلىنىپ، يەرلىكنىڭ ئالدىغا باردى. يەرلىك كىرىش ئاغزى چوڭ بىر تاش بىلەن توسۇلغان ئۆڭكۈر ئىدى.


بۇنىڭ بىلەن، خالايىق تاشنى ئېلىۋەتتى، ھەزرىتى ئەيسا كۆزلىرىنى ئاسمانغا تىكىپ، مۇنداق دۇئا قىلدى: - ئى ئاتا، تەلىپىمنى ئاڭلايدىغىنىڭ ئۈچۈن ساڭا شۈكۈر ئېيتىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite