16 ۋە كەپتەر ساتقۇچىلارغا: - نەرسىلىرىڭنى بۇ پاك يەردىن كۆتۈرۈش، خۇدائاتامنىڭ ئۆيىنى بازارغا ئايلاندۇرۇشما! - دېدى.
ئۇلارغا: - مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ: «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا-تىلاۋەتخانا دەپ ئاتالسۇن» دېگەن سۆزى يېزىلغان. لېكىن، سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋاتىسىلەر! - دېدى.
مېنىڭ نامىمغا ئاتالغان بۇ ئىبادەتخانا بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىمۇ؟ سىلەرگە ئېيتايكى، مەن سىلەرنىڭ قىلغان ھەرقانداق رەزىل ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىمەن.
ئۇ خەلققە تەلىم بەرگەندە، مۇنداق دېدى: - مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ: «مېنىڭ ئۆيۈم پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ دۇئا-تىلاۋەتخانىسى دەپ ئاتالسۇن» دېگەن سۆزى يېزىلغان ئەمەسمۇ؟ لېكىن، سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋاپسىلەر! - دېدى.
- ئىزدەشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئەجەبا، سىلەر مېنىڭ چوقۇم ئاتامنىڭ ئۆيىدە بولىدىغانلىقىمنى بىلمەمتىڭلار؟ - دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا.
ئۇلار ئاچكۆز بولغاچقا، ئويدۇرما سۆزلەر بىلەن مال-مۈلكۈڭلارنى تالان-تاراج قىلىدۇ. خۇدانىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان جازاسى بۇرۇندىن تەيياردۇر، ئۇلارنىڭ ھالاكىتى بولسا كېچىكتۈرۈلمەيدۇ.
لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - خۇدائاتام تا ھازىرغىچە توختىماستىن ئىش قىلىپ كەلمەكتە، مەنمۇ شۇنداق قىلىشىم كېرەك! - دېدى.
ھەمدە دائىملىق سۈركىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ نىيىتى چىرىك بولۇپ، ھەقىقەتتىن مەھرۇم بولغان. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىخلاسمەنلىك پەقەتلا بىر تاپاۋەت يولىدۇر، خالاس.
- ماڭا ئېسىلماڭ! چۈنكى، مەن تېخى ئاتامنىڭ يېنىغا قايتىپ چىقمىدىم. بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا ئېيتىڭ: «سىلەرنىڭمۇ ئاتاڭلار بولغان ئاتامنىڭ، يەنى خۇدايىڭلار بولغان خۇدايىمنىڭ يېنىغا قايتىپ چىقىمەن!» - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
ئۇلارنى ماڭا تەقدىم قىلغان ئاتام ھەممىدىن ئۈستۈندۇر. ئۇلارنى ئاتامنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىشقا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ.
- ماڭا جىن چاپلاشقىنى يوق، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - مەن ئاتامنى ھۆرمەت قىلىمەن. لېكىن، سىلەر ماڭا بىھۆرمەتلىك قىلىۋاتىسىلەر.
ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ھەيدەپ چىقاردى. پۇل تېگىشىدىغانلارنىڭ شىرەلىرىنى ۋە كەپتەر ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى ئۆرۈۋېتىپ،
بىراق، مېھمانلار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئېتىبارغا ئالماي، بىرى ئېتىزىغا كەتسە، يەنە بىرى تىجارىتىگە كېتىپتۇ.
ۋە تانىدىن قامچا ياساپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوي-كالىلىرى بىلەن قوشۇپ ئىبادەتخانىدىن ھەيدەپ چىقاردى. پۇل تېگىشىدىغانلارنىڭ شىرەلىرىنى ئۆرۈپ، پۇللىرىنى چېچىۋەتتى