Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 2:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئۇنىڭغا: - بۇ شاراب بەك ياخشى ئىكەن! باشقا ساھىبخانىلار ياخشى شارابنى توينىڭ بېشىدا قۇيىدۇ. مېھمانلار خېلى قانغۇچە ئىچكەندىن كېيىن، ناچىرىنى قۇيىدۇ. ئەجەب، سەن ئەڭ ياخشى شارابنى مۇشۇ چاغقىچە ساقلاپسەن! - دېدى.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 2:10
15 Referans Kwoze  

«ئەي ئوغلۇم» دەپتۇ ئەجدادىمىز ئىبراھىم، «ھايات ۋاقتىڭدا ھالاۋەتنى يەتكۈچە كۆردۈڭغۇ! لازار بولسا ھەممە جاپانى تارتتى. ئەمدى ئۇ بۇ يەردە راھەت كۆرۈۋاتىدۇ، سەن بولساڭ ئازابلىنىۋاتىسەن.


تاماق ئۇلارغا يۈسۈپنىڭ داستىخىنىدىن بۆلۈپ بېرىلدى. بىنيامىنغا باشقىلاردىن بەش ھەسسە ئارتۇق بېرىلدى. ئۇلار يۈسۈپ بىلەن بىر سورۇندا يەپ-ئىچىپ، ئىنتايىن خۇشال بولۇشتى.


كىردىم ئۆز بېغىمغا، ئى مەھبۇبەم _ جېنىم سىڭلىم، يىغاي ئەمدى مۇرمەككى، تېتىتقۇلىرىمنى، ھەرە كۆنىكى بىلەن يەي ھەسىلىمنى، ئىچەي شاراب ۋە سۈتلىرىمنى. ئەي ئاشىقلار، يەڭلار تويغۇچە، مۇھەببەتتىن ئىچىڭلار قانغۇچە.


كۆڭۈللەرنى شاد ئەيلىسەڭ شارابتا، قۇۋۋەت بەردىڭ نېنىڭ بىلەن تەنلەرگە، جىلۋە بەردىڭ مېيىڭ بىلەن يۈزلەرگە.


باشقا چاكارلارغا نوچىلىق قىلسا ۋە ئۈلپەتلىرى بىلەن بىللە يەپ-ئىچىپ مەست بولۇپ يۈرسە،


لېكىن، ئەگەر بۇ چاكار كۆڭلىدە «خوجايىنىم كېچىكىپ قايتىپ كېلىدىغۇ» دەپ، باشقا ئەر، ئايال چاكارلارغا نوچىلىق قىلسا ۋە يەپ-ئىچىپ مەس بولسا،


سىلەر بىزنى مەس بولۇپ قاپتۇ، دەۋاتامسىلەر؟ ئۇنداق ئەمەس، تېخى ئەمدى ئەتىگەن سائەت توققۇز بولدى.


چۈنكى، سىلەر بىر-بىرىڭلارنى ساقلىماي، ئۆزۈڭلار ئېلىپ كەلگەن تاماقنى ئۆزۈڭلار يەۋېرىدىكەنسىلەر-دە، بەزىلەر قانغۇچە يەپ-ئىچىدىكەن، يەنە بەزىلەر ئاچ قالىدىكەن.


ھاراقتىن مەس بولۇپ يۈرمەڭلار. چۈنكى، بۇنداق قىلىش ئادەمنى زەئىپلىككە ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭ ئورنىغا، مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولۇڭلار.


ئۇخلايدىغانلار كېچىسى ئۇخلايدۇ، مەس بولىدىغانلارمۇ كېچىسى مەس بولىدۇ.


دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلىشتى، يەر يۈزىدە ياشايدىغانلار ئۇنىڭ زىناسىنىڭ شارابىدىن مەست بولۇشتى، - دېدى.


مەن ئايالنىڭ خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، يەنى ئەيساغا گۇۋاھلىق بېرىپ قۇربان بولغانلارنىڭ قېنى بىلەن مەست بولغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران بولدۇم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite