Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 19:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 يەنە ئوردىسىغا كىرىپ، ھەزرىتى ئەيسادىن: - سەن زادى قەيەردىن كەلگەن؟ - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا جاۋاب بەرمىدى.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 19:9
18 Referans Kwoze  

ۋالىي پىلاتۇس يەنە ئوردىسىغا كىرىپ، ھەزرىتى ئەيسانى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن: - سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ - دەپ سورىدى.


سىلەرگە قارشى تۇرغۇچىلاردىن قىلچە قورقماڭلار. سىلەردىكى بۇ غەيرەت ئۇلارنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىنىڭ، سىلەرنىڭ بولسا خۇدا تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلىدىغانلىقىڭلارنىڭ بەلگىسىدۇر.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - مەن ئۆزۈمگە گۇۋاھلىق بېرىپ سۆزلىسەممۇ، سۆزلىرىم ھەقتۇر، چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىمنى ۋە قەيەرگە كېتىدىغانلىقىمنى بىلىمەن. لېكىن، سىلەر بۇنى بىلمەيسىلەر.


لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا لام-جىم دېمىدى. باش روھانىي ئۇنىڭغا: - مەڭگۈ ھايات خۇدا ئالدىدا قەسەم قىلىشىڭنى بۇيرۇيمەن. ئېيتقىن، خۇدانىڭ ئوغلى قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ سەنمۇ؟ - دېدى.


ئۇ زۇلۇمغا ئۇچرىدى، ئازاب-ئوقۇبەت چەكتى، لېكىن ئۇ ھېچقانداق زۇۋان سۈرمىدى. ئۇ خۇددى بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلغان قوزىدەك، خۇددى يۇڭ قىرقۇغۇچىنىڭ ئالدىدا ياتقان قويدەك، ھېچقانداق زۇۋان سۈرمىدى.


ئايال ئېرىنىڭ يېنىغا كېلىپ: _ خۇدانىڭ ئەۋەتكەن ئادىمى يېنىمغا كەلدى، ئۇنىڭ تۇرقى خۇدانىڭ پەرىشتىسىگە ئوخشاش ئادەمنى بەك ھېيىقتۇرىدىكەن. مەن ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى سورىمىدىم، ئۇمۇ ماڭا ئۆز ئىسمىنى ئېيتىپ بەرمىدى.


- دېمەك سەن بىر پادىشاھ، شۇنداقمۇ؟ - دېدى ۋالىي پىلاتۇس. - ئېيتقىنىڭىزدەك، مەن پادىشاھ، مەن ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن دۇنياغا كەلدىم، ھەقىقەتتە تۇرىدىغان كىشىلەر مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلايدۇ، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.


كېيىن، لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسانى ۋالىي ئوردىسىدىكى بىر سەيناغا ئېلىپ كىرىپ، پۈتۈن لەشكەرلەر توپىنى بۇ يەرگە يىغدى.


شۇڭا، ئۇ ھەزرىتى ئەيسادىن بىرمۇنچە سوئاللارنى سورىدى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى.


تاڭ يورۇغاندا، ھەزرىتى ئەيسا قاياپانىڭ يېنىدىن رىملىق ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كېلىندى. ئۇنى ئېلىپ كەلگەن يەھۇدىي ئاقساقاللىرى بولسا ئۆزىمىزنىڭ ئېتىقادىنى بۇلغىۋالمايلى دەپ، ئوردىغا كىرمەي، سىرتتا ساقلاپ تۇراتتى. بولمىسا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ داستىخىنىغا جەم بولالمايتتى.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - بۇ سوئالنى ئۆزىڭىز قويۇۋاتامسىز ياكى باشقىلار مەن توغرۇلۇق سىزگە شۇنداق ئېيتقانمۇ؟ - دېدى.


ۋالىي پىلاتۇس بۇ سۆزنى ئاڭلاپ تېخىمۇ قورقۇپ،


- سەن ماڭا گەپ قىلمامسەن؟ سېنى قويۇپ بېرىشكە ھوقۇقۇم بولغىنىدەك، كرېستكە مىخلاشقىمۇ ھوقۇقۇم بارلىقىنى بىلمەمسەن؟ - دېدى ۋالىي پىلاتۇس.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite