7 يەھۇدىيلار مۇنداق دېيىشتى: - بىزدە شۇنداق بىر قانۇن بار. شۇ قانۇنغا ئاساسەن، ئۇ ئۆزىنى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆلتۈرۈلۈشكە تېگىشلىك.
مەنكى پەرۋەردىگارنى ھاقارەتلىگۈچى ئۆلتۈرۈلسۇن، جامائەت ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. مەيلى ئىسرائىللار، مەيلى يات خەلقلەر بولسۇن، مېنى ھاقارەتلىگەن بولسىلا، ئۆلتۈرۈلسۇن.
شۇنداق قىلىپ، يەھۇدىي ئاقساقاللىرىنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈش نىيىتى تېخىمۇ كۈچەيدى. چۈنكى، ئۇ دەم ئېلىش كۈنىنىڭ قائىدىسىنى بۇزۇپلا قالماستىن، خۇدانىڭ ئۆز ئاتىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىش بىلەن، ئۆزىنى خۇداغا تەڭ قىلغانىدى.
لېكىن روھىي جەھەتتىن، ئۇنىڭ خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكى ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلۈشى ئارقىلىق زور قۇدرەت بىلەن ئىسپاتلانغان.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇدۇلىدا تۇرغان يۈز بېشى ئۇنىڭ قانداق جان ئۈزگىنىنى كۆرۈپ: - بۇ ئادەم ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەن! - دېدى.
ئەگەر بىرەر پەيغەمبەر مېنىڭ نامىم بىلەن مەن دېمىگەن سۆزلەرنى قىلسا ياكى باشقا ئىلاھلارنىڭ نامىدا سۆزلىسە، ئۇ چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن.
ھالبۇكى، ئۇ بىز تارتىشقا تېگىشلىك جەبىر-جاپالارنى، بىزنىڭ قايغۇلىرىمىزنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. لېكىن بىز بولساق «ئۇنى خۇدا جازالىدى، ئۇنى خۇدا ئۇردى، خۇدا ئۇنىڭغا شۇنداق جەبىرلەرنى سالدى» دەپ ئويلىدۇق.
ۋالىي پىلاتۇس بۇ سۆزنى ئاڭلاپ تېخىمۇ قورقۇپ،
- بۇ ئادەم كىشىلەرنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا قۇتراتتى! - دەپ شىكايەت قىلدى.