Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 19:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئالىي روھانىيلار ۋە ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرى ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈپ: - ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ، كرېستكە مىخلىتىڭ! - دەپ ۋارقىراشتى. - ئۇنى ئۆزۈڭلار مىخلاڭلار! مەن ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىدىم! - دېدى پىلاتۇس.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 19:6
15 Referans Kwoze  

- ئۇنى ئۆزۈڭلار ئېلىپ كېتىپ، ئۆز قانۇنۇڭلار بويىچە سوراڭلار، - دېدى ۋالىي پىلاتۇس ئۇلارغا. ئۇلار: - بىزنىڭ ئۆلۈم جازاسى بېرىش ھوقۇقىمىز يوق تۇرسا، - دېيىشتى.


ۋالىي پىلاتۇس يەنە ئوردىسىدىن چىقىپ، خالايىققا: - دىققەت! ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىغانلىقىمنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا ئېلىپ چىقىمەن، - دېدى.


سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار زىيانكەشلىك قىلمىغان بىرەر پەيغەمبەر بارمۇ-ھە؟! ئۇلار «خۇدانىڭ ئادالەتچىسى» بولغان ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن جاكارلىغانلارنىمۇ ئۆلتۈرۈشكەن. ئەمدى ئۇ ئۆزى كەلگەندە، سىلەر ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىپ، ئۇنىمۇ ئۆلتۈردۈڭلار.


ھەزرىتى ئەيسا خۇدانىڭ ئالدىنئالا بىلىشى ۋە پىلانى بويىچە سىلەرگە تاپشۇرۇلدى. سىلەر ئۇنى خۇدايىمىزغا ئىشەنمىگەن رەزىل ئادەملەرگە تۇتۇپ بېرىپ، كرېستكە مىخلىتىپ ئۆلتۈرگۈزدۈڭلار.


- يوقىتىڭ، يوقىتىڭ، ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ! - دەپ ۋارقىراشتى يەھۇدىيلار. - مېنى پادىشاھىڭلارنى كرېستكە مىخلاتسۇن دەمسىلەر؟ - دېدى ۋالىي پىلاتۇس. ئالىي روھانىيلار: - رىم ئىمپېراتورىدىن باشقا پادىشاھىمىز يوق! - دەپ توۋلاشتى.


ئاندىن، پىلاتۇس ئالىي روھانىيلار بىلەن كۆپچىلىككە: - بۇ ئادەمدىن بىرەر جىنايەت تاپالمىدىم، - دېدى.


پىلاتۇس يەنە سۆزلەشنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى، بولمىسا قالايمىقانچىلىق چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، سۇ ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا قولىنى يۇغاچ: - بۇ ئادەمنىڭ قېنىغا مەن جاۋابكار ئەمەس، بۇ ئىشقا ئۆزۈڭلار مەسئۇل بولۇڭلار! - دېدى.


- ئۇنداق بولسا، مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانى قانداق بىر تەرەپ قىلاي؟ - دېدى پىلاتۇس. ھەممەيلەن بىر ئېغىزدىن: - ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ! - دېيىشتى.


پېترۇس ھەزرىتى ئەيساغا تاكى باش روھانىينىڭ ھويلىسىغىچە يىراقتىن ئەگىشىپ باردى ۋە ئىشنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىچكىرىگە كىرىپ، قاراۋۇللارنىڭ يېنىدا ئولتۇردى.


شۇنداق قىلىپ، يەھۇدا بىر قىسىم رىم لەشكەرلىرى بىلەن ئالىي روھانىيلار ۋە پەرىسىيلەر ئەۋەتكەن ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنى باشلاپ بۇ يەرگە كەلدى. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا پانۇس، مەشئەل ۋە قوراللار بار ئىدى.


ۋالىي پىلاتۇس ئۇنىڭدىن: - «ھەقىقەت» دېگەن نېمە؟ - دەپ سورىدى. ۋالىي پىلاتۇس بۇنداق دەپ سورىغاندىن كېيىن، يەنە تاشقىرىغا چىقىپ يەھۇدىيلارغا: - مەن ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite