Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 19:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 بۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا بېشىدىكى تىكەنلىك تاج ۋە ئۇچىسىدىكى سۆسۈن رەڭلىك تون بىلەن تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىلدى. ۋالىي پىلاتۇس ئۇلارغا: - مانا، ئۇ ئادەم! - دېدى.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 19:5
8 Referans Kwoze  

لەشكەرلەر تىكەن شاخلىرىنى ئۆرۈپ، بىر تاج ياساپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ بېشىغا كىيدۈرۈشتى. ئاندىن، ئۇنىڭغا شاھانە سۆسۈن رەڭلىك تون كىيدۈرۈشتى.


كۆزىمىز ئېتىقادىمىزنىڭ ئاساسچىسى ۋە مۇكەممەللەشتۈرگۈچىسى بولغان ئەيسا مەسىھتە بولسۇن. ئۇ ئۆزىنى كۈتكەن خۇشاللىق ئۈچۈن، كرېستتىكى ئازابقا بەرداشلىق بەردى ھەم بۇنداق ھاقارەتلىك ئۆلتۈرۈلۈشكە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭدىن بۇيان، ئۇ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرماقتا.


ئەتىسى، يەھيا پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: - مانا بۇ، پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ گۇناھىدىن ئازاد قىلىنىشى ئۈچۈن ھازىرلانغان خۇدانىڭ قوزىسىدۇر!


ئۇنداقتا پەرۋەردىگار ئۆزى سىلەرگە شۇنداق بېشارەت بېرىدۇ: ياش قىز ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئۇ بالىغا «ئىممانۇئېل» دەپ ئىسىم قويىدۇ.


ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەرنى ياراتقان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار، ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەرنى ئاپىرىدە قىلغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قورقماڭلار، مەن سىلەرنى قوغدايمەن. مەن سىلەرنى ئۆز خەلقىم بولۇشقا چاقىرغان، سىلەر ماڭا تەئەللۇق.


ئەي خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى سىئون خەلقى، تاغقا چىققىن! ئەي خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى يېرۇسالېم، ئۈنلۈك ئاۋازدا قورقماي ۋارقىراپ، يەھۇدىيەنىڭ شەھەر-يېزىلىرىغا: «قاراڭلار، بۇ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار!» دېگىن.


ئەي يولدىن ئۆتۈۋاتقانلار، پەرۋا قىلمامسىلەر ماڭا، كۆرۈۋاتامسىلەر مېنى؟ پەرۋەردىگار غەزەپ كۈنىدە ئازاب بەردى ماڭا، كىم مەندەك ئازابلىنىپ باققان؟


تىكەن شاخلىرىنى ئۆرۈپ بىر تاج ياساپ، بېشىغا كىيدۈردى ۋە ئوڭ قولىغا بىر قومۇشنى تۇتقۇزدى. ئاندىن، ئۇنىڭ ئالدىغا تىزلىنىپ: «ياشىسۇن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى!» دەپ مازاق قىلىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite