9 بۇنىڭ بىلەن، ئۆزىنىڭ: «ئاتا، سەن ماڭا بەرگەنلەردىن ھېچقايسىسىنى يوقاتمىدىم» دېگەن سۆزى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلاندى.
مەن ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا، ئۇلارنىڭ ساڭا بولغان سادىقلىقىنى ساقلىدىم ھەم قوغدىدىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھالاكەت يولىغا ماڭغان كىشىدىن باشقا بىرىمۇ يوقالمىدى. مۇقەددەس يازمىلاردىكى ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشى توغرۇلۇق ئېيتىلغانلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن، مۇشۇنداق بولدى.
مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسى بولسا ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغانلىرىدىن بىرىنىمۇ يوقاتماسلىقىم، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرۈپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشۈمدىن ئىبارەت.
- سىلەرگە ئېيتتىمغۇ، مانا مەن شۇ. ئەگەر مېنىلا ئىزدىگەن بولساڭلار، بۇلارنى تۇتماڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.