7 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن يەنە بىر قېتىم: - كىمنى ئىزدەيسىلەر؟ - دەپ سورىدى. - ناسىرەلىك ئەيسانى، - دېيىشتى ئۇلار.
ھەزرىتى ئەيسا بېشىغا كېلىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ: - كىمنى ئىزدەيسىلەر؟ - دەپ سورىدى.
جەلىلىيە ئۆلكىسىگە بېرىپ، ناسىرە شەھىرىگە ئورۇنلاشتى. بۇنىڭ بىلەن، پەيغەمبەرلەرنىڭ: «ئۇ ناسىرەلىك دەپ نام ئالىدۇ» دېگىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
ھەزرىتى ئەيسا: «مانا مەن شۇ» دېيىشىگىلا، ئۇلار ئارقىلىرىغا يېنىپ يەرگە يىقىلىشتى.
- سىلەرگە ئېيتتىمغۇ، مانا مەن شۇ. ئەگەر مېنىلا ئىزدىگەن بولساڭلار، بۇلارنى تۇتماڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.