6 ھەزرىتى ئەيسا: «مانا مەن شۇ» دېيىشىگىلا، ئۇلار ئارقىلىرىغا يېنىپ يەرگە يىقىلىشتى.
رەقىبلىرىم، دۈشمەنلىرىم پۇتلىشىپ چۈشتى دۈم، گۆشۈمنى يېمەك بولۇپ ماڭا قىلغاندا ھۇجۇم.
سىئونغا نەپرەت بىلەن قارايدىغانلار، رەسۋا قىلىنىپ ئارقىسىغا چېكىندۈرۈلسۇن.
جېنىمنى ئالماقچى بولغانلار، شەرمەندە بولسۇن يۈزى تۆكۈلۈپ. جاپايىمدىن خۇشال بولغانلار، چېكىنسۇن رەسۋا بولۇپ.
- ناسىرەلىك ئەيسانى، - دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - مانا مەن شۇ، - دېدى. ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدامۇ ئۇلارنىڭ قاتارىدا تۇراتتى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن يەنە بىر قېتىم: - كىمنى ئىزدەيسىلەر؟ - دەپ سورىدى. - ناسىرەلىك ئەيسانى، - دېيىشتى ئۇلار.