Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 18:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 شۇنىڭ بىلەن، لەشكەر توپى بىلەن قوماندانى ھەم يەھۇدىيلار ئەۋەتكەن ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرى ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇپ باغلاشتى.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 18:12
17 Referans Kwoze  

شۇنداق قىلىپ، يەھۇدا بىر قىسىم رىم لەشكەرلىرى بىلەن ئالىي روھانىيلار ۋە پەرىسىيلەر ئەۋەتكەن ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنى باشلاپ بۇ يەرگە كەلدى. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا پانۇس، مەشئەل ۋە قوراللار بار ئىدى.


ھەزرىتى ئەيسانى تۇتقۇن قىلغانلار ئۇنى باش روھانىي قاياپانىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن خەلق ئاقساقاللىرىمۇ ئۇ يەردە جەم بولۇشقانىدى.


لەشكەرلەر پاۋلۇسنى قەلئەگە ئەكىرىپ كېتىشكە ئاز قالغاندا، پاۋلۇس گرېك تىلىدا قومانداندىن: - بىر ئېغىز سۆزۈم بار ئىدى، ئېيتسام بولامدىكىن؟ - دەپ سورىدى. - گرېكچە بىلىدىكەنسەن!


توپىلاڭچىلار پاۋلۇسنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، پۈتۈن يېرۇسالېمنىڭ قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئۇ يەردە تۇرۇشلۇق رىم لەشكەرلىرىنىڭ قوماندانىغا يېتىپ باردى.


قاراۋۇللار ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇپ، باش روھانىينىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىشتى. پېترۇس يىراقتىن ئەگىشىپ ماڭغانىدى.


ئەتىسى تاڭ سەھەردە، ئالىي روھانىيلار، ئاقساقاللار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئالىي كېڭەشمىنىڭ پۈتۈن ئەزالىرى مەسلىھەتلىشىۋالغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسانى باغلاپ، ۋالىي پىلاتۇسقا تاپشۇرۇپ بەردى.


ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى باش روھانىينىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. پۈتۈن ئالىي روھانىيلار، ئاقساقاللار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىمۇ ئۇ يەرگە يىغىلدى.


ۋالىي پىلاتۇسقا تاپشۇرۇپ بەردى.


فىلىستىيەلىكلەر ئۇنى تۇتۇپ، كۆزلىرىنى ئويۇۋېلىپ، گازاغا ئېلىپ كەلدى. ئۇنى تۇچ زەنجىر بىلەن كىشەنلەپ، زىندانغا تاشلاپ ئۇن تارتىشقا سالدى.


ئۇلار خۇدا ئىبراھىمغا كۆرسەتكەن جايغا كەلگەندە، ئىبراھىم قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۈستىگە ئوتۇنلارنى دۆۋىلەپ، ئوغلى ئىسھاقنى باغلاپ، ئوتۇننىڭ ئۈستىگە ياتقۇزدى.


تالاش-تارتىش ئەۋج ئېلىپ كەتتى. يەھۇدىيلارنىڭ پاۋلۇسنى تارتىپ پارچە-پارچە قىلىۋېتىشتىن قورقۇپ قالغان قوماندان لەشكەرلىرىنىڭ زالغا كىرىپ، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن پاۋلۇسنى زورلۇق بىلەن تارتىپ چىقىپ، قەلئەگە ئەكىرىپ كېتىشىنى بۇيرۇدى.


پەرۋەردىگار _ ياراتقۇچىدۇر، بىردىنبىر يېگانىدۇر. ئۇ چاچار نۇرىنى ئۈستىمىزگە. قۇربانلىقنى باغلاڭلار تانىلار بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۇرجەكلىرىگە.


بۇ ئىككى يۇقىرى ئەمەلدارنى ياساۋۇل مەھكىمىسىدىكى زىندانغا، يەنى يۈسۈپ قامالغان زىندانغا قامىدى.


كېيىن، لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسانى ۋالىي ئوردىسىدىكى بىر سەيناغا ئېلىپ كىرىپ، پۈتۈن لەشكەرلەر توپىنى بۇ يەرگە يىغدى.


قەيسەرىيە شەھىرىدە كورنىلىي ئىسىملىك بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ رىم قوشۇنىدىكى «ئىتالىيە» دەپ ئاتالغان قىسىمنىڭ يۈزبېشى ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite