8 چۈنكى، سەن ماڭا قىلغان سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزدۈم، ئۇلارمۇ قوبۇل قىلدى. سەندىن كەلگەنلىكىمنى ھەق دەپ بىلىپ يەتتى ھەمدە مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭگىمۇ ئىشەندى.
سۆزلىرىڭنى يەتكۈزدۈم. بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى ئۇلاردىن نەپرەتلەندى، چۈنكى مەن بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولمىغىنىمدەك، ئۇلارمۇ بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەستۇر.
ئەمدى سىلەرنى «چاكار» دېمەيمەن. چۈنكى، چاكار خوجايىنىنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى «دوست» دەيمەن، چۈنكى ئاتامدىن ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم.
بىز سىزنىڭ ھەممىنى بىلىدىغانلىقىڭىزنى ئەمدى چۈشەندۇق. چۈنكى، بىز سوئال سورىمىساقمۇ، سىز كۆڭلىمىزدىكىنى بىلىدىكەنسىز. بۇنىڭدىن سىزنىڭ خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەنلىكىڭىزگە ئىشەندۇق، - دېيىشتى.
بۇنىڭ سەۋەبى، ئاتام ئۆزىمۇ سىلەرنى سۆيىدۇ. چۈنكى، سىلەر مېنى سۆيىسىلەر ۋە مېنى ئاتامنىڭ ئەۋەتكەنلىكىگە ئىشەندىڭلار.
خۇداغا ھەمىشە شۈكۈر ئېيتىشىمىزدىكى يەنە بىر سەۋەب شۇكى، سىلەر بىزدىن خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قوبۇل قىلغىنىڭلاردا، بۇ سۆزنى ئىنسانلارنىڭ سۆزى ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ سۆزى دەپ ئېتىراپ قىلدىڭلار. ئەمەلىيەتتىمۇ، بۇ سۆز خۇدانىڭ سۆزى بولۇپ، ئۇ ھازىر ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان سىلەرگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتمەكتە.
ئەرشتىكى ئاتىمىز ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھنى بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولۇشقا ئەۋەتتى. بۇنى بىز كۆردۇق ھەم بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمىز.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر بولسۇن. ئى ئاتا، سەن مەندە، مەن سەندە بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىزدە بولسۇن. شۇ ئارقىلىق، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى مېنى سېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىشەنسۇن، دەپ دۇئا قىلىمەن.
- ئاتاڭلار خۇدا بولغان بولسا، مېنى سۆيگەن بولاتتىڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - چۈنكى مەن خۇدانىڭ يېنىدىن كەلدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردىمەن. ئۆزلۈكۈمدىن كەلگەن ئەمەسمەن، بەلكى ئۇ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنمەن.
مەن ئاتامدا، ئاتام مەندە ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەمسەن؟ سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئۆزلۈكۈمدىن ئېيتقىنىم يوق، بەلكى مېنىڭ ئاتام ئېيتقان. ئۇ مەندە تۇرۇپ خىزمەتلىرىنى قىلىۋاتىدۇ.
چۈنكى، مەن ئۆزلۈكۈمدىن سۆزلىگىنىم يوق. نېمىنى سۆزلىشىم ۋە قانداق سۆزلىشىم كېرەكلىكىنى مېنى ئەۋەتكەن ئاتام ماڭا بۇيرۇدى.
سىمۇن پېترۇس مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - ئى رەببىم، مەڭگۈ ھاياتلىق بېرىدىغان سۆزلەر پەقەت سىزدىلا تۇرسا! بىز كىمنىڭ يېنىغا كېتەتتۇق؟
تەربىيىلەر سېنى ئاقىلانىلىك بىلەن ياشاشقا، ھەققانىي، ئادىل ۋە دۇرۇس بولۇشقا؛
قېرىنداشلار، ئاخىردا بىز يەنە شۇنى دېمەكچىمىزكى، خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى بىزدىن ئۆگىنىۋالدىڭلار ھەمدە سىلەر ئەمەلىيىتىڭلاردىمۇ بىزدىن ئۆگەنگىنىڭلار بويىچە شۇنداق ياشاۋاتىسىلەر. ئەمدى خۇدانى خۇرسەن قىلىشقا تېخىمۇ تىرىشىشىڭلارنى رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن سورايمىز.
قېرىنداشلار، ئىلگىرى مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن، سىلەرمۇ قوبۇل قىلىپ ئېتىقادىڭلارنىڭ ئاساسى قىلغان خۇش خەۋەرنى ئېسىڭلارغا سالماقچىمەن.
مەن ئۇلاردا، سەن مەندە؛ بۇ ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ئۈچۈندۇر. بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى شۇ ئارقىلىق مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭنى ھەم مېنى سۆيگىنىڭدەك ماڭا ئېتىقاد قىلغانلارنىمۇ سۆيىدىغانلىقىڭنى بىلسۇن.
سەن مېنى دۇنياغا ئەۋەتكىنىڭدەك، مەنمۇ ئۇلارنى دۇنياغا ئەۋەتتىم.
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرى ئۇلارغا ئەمەس، سىلەرنىڭ بىلىشىڭلارغا بېرىلدى.
قوبۇل قىلىڭلار كۈمۈشنىڭ ئورنىغا نەسىھەتلىرىمنى، ساپ ئالتۇننىڭ ئورنىغا بىلىمنى.
رەببىمىزنىڭ داستىخىنى توغرۇلۇق مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن تەلىملەرنى رەببىمىزدىن ئالغانمەن. رەببىمىز ئەيسا ساتقۇن تەرىپىدىن تۇتۇپ بېرىلگەن كېچە، قولىغا بىر نان ئېلىپ،
ھالبۇكى، ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئىشىنىدىغانلار خۇدانىڭ ھەق ئىكەنلىكىگىمۇ گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
خۇدا ئوغلىنى دۇنيادىكى ئىنسانلارنى سوراققا تارتىشقا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتتى.
تەنبىھلىرىمگە قۇلاق سالغان بولساڭلار، سىلەرگە تۆكۈپ بېرەتتىم قەلبىمدىكىنى، سىلەر بىلەن ئورتاقلىشاتتىم ئوي-پىكىرلىرىمنى.
سۆزلىرىمنى ئاڭلا، قوبۇل قىل، ئەي ئوغلۇم، شۇندا ئۇزۇن بولار ئۆمرۈڭ.
ئەي ئوغلۇم، ئەگەر قوبۇل قىلساڭ سۆزلىرىمنى، قەلبىڭدە ساقلىساڭ بۇيرۇقلىرىمنى،
مەن ئۇلارنىڭ ئىسرائىل قېرىنداشلىرىدىن ساڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەرنى تاللاپ، سۆزلىرىمنى ئۇنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويىمەن. ئۇ مېنىڭ بارلىق سۆزلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈزىدۇ.
مەڭگۈلۈك ھايات بولسا ھەقىقىي بىردىنبىر خۇدا - سېنى ۋە سەن ئەۋەتكەن ئەيسا مەسىھنى تونۇشتۇر.
مەزكۇر كىتاب ئەيسا مەسىھنىڭ ۋەھىيسىدۇر. خۇدا يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ۋەقەلەرنى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھكە بۇ ۋەھىينى چۈشۈردى. مەسىھ بۇنى ئۆز پەرىشتىسى ئارقىلىق خىزمەتكارى يۇھانناغا ئايان قىلدى.