4 مەن سەن ماڭا بۇيرۇغان ھەممە ئىشلارنى ئورۇنداش بىلەن سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭنى يەر يۈزىدە ئايان قىلدىم.
- مېنىڭ يېمەكلىكىم - مېنى ئەۋەتكەن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغان ئىشىنى تاماملاشتۇر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
لېكىن، مەن ئۆز مۇساپەمنى تاماملىشىم، رەببىمىز ئەيسانىڭ تاپشۇرغان خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىشىم، يەنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇشۇم ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىمنى قىلچە ئايىماي، يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن.
مەن خۇدا يولىدا ئاخىرغىچە كۈرەش قىلدىم، يەنى يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ پۈتۈن مەنزىلىنى بېسىپ بولدۇم، ئېتىقادىمدا چىڭ تۇرۇپ كەلدىم.
ھەزرىتى ئەيسا ئۈزۈم شارابىنى تېتىغاندىن كېيىن: - تامام بولدى! - دېدى-دە، بېشىنى تۆۋەن چۈشۈرۈپ، جان بەردى.
لېكىن، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى مېنىڭ ئاتامنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلسۇن دەپ، ئاتام ماڭا ئەمر قىلغان ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. تۇرۇڭلار، بۇ جايدىن كېتەيلى.
ئەگەر ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلساڭلار، خۇددى مەن ئاتامنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغان ۋە ھەمىشە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدە بولغىنىمدەك، سىلەرمۇ ھەمىشە مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە بولىسىلەر.
مېنىڭ نامىم بىلەن نېمىنى تىلىسەڭلار، ئۆز ئاتامنىڭ ئۇلۇغلۇقى مەن ئارقىلىق ئايان بولسۇن ئۈچۈن، تىلەكلىرىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن.
ئاتا، ئۇلۇغلۇقۇڭنى كۆرسەتكىن! شۇ ۋاقىتتا، ئەرشتىن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى: - ئۇلۇغلۇقۇمنى كۆرسەتتىم ۋە يەنە كۆرسىتىمەن.
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئۆزى ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ گۇناھ سادىر قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۆز قۇدرىتىنى ئۇنىڭ ھاياتىدا ئايان قىلماقچى بولغانلىقىدىندۇر.
لېكىن، يەھيا پەيغەمبەرنىڭ مەن ئۈچۈن بەرگەن گۇۋاھلىقىدىنمۇ چوڭ بىر گۇۋاھلىق بار. ئۇ بولسىمۇ مېنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىم، يەنى ئاتام مېنىڭ ئورۇندىشىم ئۈچۈن ماڭا تاپشۇرغان ئىشلاردۇر. بۇلار ئاتامنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
- چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا مەن توغرۇلۇق: «ئۇ جىنايەتچىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ» دەپ خاتىرىلەنگەن سۆز چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، مەن توغرۇلۇق يېزىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئېشىشقا ئاز قالدى.
ھەزرىتى ئەيسا ھەممە ئىشلىرىنىڭ تاماملانغانلىقىنى بىلدى. ئاندىن: - ئۇسسىدىم! - دېدى. بۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغان سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.