Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 17:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 مېنىڭكى سېنىڭكىدۇر. سېنىڭكى بولسا مېنىڭكىدۇر. مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇم ئۇلار ئارقىلىق ئايان بولدى.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 17:10
16 Referans Kwoze  

ئاتام ئىككىمىز ئەسلىدە بىرمىز.


لېكىن، سىلەر بولساڭلار خۇدانىڭ تاللىغانلىرى، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ روھانىيلىرى، خۇداغا ئاتالغان خەلق، شۇنداقلا خۇداغا مەنسۇپ بولغانلارسىلەر. سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىنىڭ پارلاق يورۇقلۇقىغا چاقىرغان خۇدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى تاللىدى.


ئۇ ۋاقىتتا، رەببىمىز ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقى تەرىپىدىن ئۇلۇغلىنىدۇ ۋە مەدھىيىلىنىدۇ. شۇنداقلا، سىلەرمۇ بىز يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرگە ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، رەببىمىزنى مەدھىيىلىگەنلەر ئارىسىدا بولىسىلەر.


خۇدانىڭ بارلىق مۇكەممەل تەبىئىتى بۇ دۇنياغا ئىنسان تېنىدە كەلگەن ئەيسا مەسىھتىدۇر.


بۇنىڭ بىلەن، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەر ئارقىلىق ئۇلۇغلىنىدۇ ۋە سىلەرمۇ ئۇ ئارقىلىق شان-شەرەپكە ئېرىشىسىلەر. بۇ، خۇدانىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن كېلىدۇ.


ئەيسا مەسىھكە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ، خىجالەتچىلىكتە قالماسلىقىمنى ئىنتىزارلىق بىلەن ئۈمىد قىلىمەن ھەمدە ھازىرمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، مەيلى مەن قانداق ياشاي ياكى قانداق ئۆلەي، ئەيسا مەسىھنى باتۇرلۇق بىلەن ئۇلۇغلايمەن.


ئەفەس شەھىرىدە ياشايدىغان پۈتۈن يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ بۇ ئىشنى ئاڭلاپ، ناھايىتى قورقۇشتى. شۇنىڭدىن كېيىن، رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بۇ يەردىمۇ كۆپ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى.


ھەزرىتى ئەيسا بۇنى ئاڭلاپ: - بۇ كېسەللىك لازارنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاياغلاشمايدۇ. ئەكسىچە، بۇ ئارقىلىق خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئايان بولۇپ، خالايىق خۇداغا مەدھىيە ئوقۇيدۇ، - دېدى.


بۇنىڭدىن مەقسەت، ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەتلىگىنىدەك، ئوغلىنىمۇ ھۆرمەتلىشى ئۈچۈندۇر. ئوغلىنى ھۆرمەتلىمىگەنلەر ئۇنى ئەۋەتكۈچى ئاتىسىنىمۇ ھۆرمەتلىمىگەنلەردىن بولىدۇ.


شۇڭا، ئۇلار مەندە بولغان بۇ ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن خۇدانى تېخىمۇ ئۇلۇغلىدى.


ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ئىنسانئوغلىنىڭ شان-شەرەپكە ئىگە بولىدىغان ۋاقىت-سائىتى يېقىنلىشىپ قالدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite