Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 17:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، كۆزلىرىنى ئەرشكە تىكىپ مۇنداق دۇئا قىلدى: - ئى ئاتا، مېنىڭ ۋاقىت-سائىتىم يېتىپ كەلدى. سەن ئوغلۇڭنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئايان قىلغىن. بۇنىڭ بىلەن ئوغلۇڭمۇ ئۇلۇغلۇقۇڭنى ئايان قىلسۇن.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 17:1
20 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ئىنسانئوغلىنىڭ شان-شەرەپكە ئىگە بولىدىغان ۋاقىت-سائىتى يېقىنلىشىپ قالدى.


ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! ۋەھالەنكى، ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ قاتارلىق ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۆزىنىڭ خىزمەتكارى بولغان ھەزرىتى ئەيسانىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلدى. سىلەر شۇ ھەزرىتى ئەيسانى كېڭەشمىگە تۇتۇپ بەردىڭلار. ۋالىي پىلاتۇس ئۇنى قويۇپ بەرمەكچى بولغان بولسىمۇ، سىلەر پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا ئۇنى رەت قىلىپ، «ئۆلتۈرۈش كېرەك!» دېدىڭلار.


ئۇ بۇ سۆزنى ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغانلارغا ئاتا قىلىنىدىغان خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا قارىتا ئېيتقانىدى. خۇدانىڭ روھى تېخى ھېچكىمگە چۈشمىگەنىدى، چۈنكى ھەزرىتى ئەيسا تېخى ئاتىسىنىڭ ئەرشتىكى شان-شەرىپىگە كىرمىگەنىدى.


سىلەر ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا ئېتىقاد قىلىۋاتىسىلەر. خۇدا ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ۋە ئۈمىدىڭلار خۇداغا باغلانغان.


ھەزرىتى ئەيسا بۇنى ئاڭلاپ: - بۇ كېسەللىك لازارنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاياغلاشمايدۇ. ئەكسىچە، بۇ ئارقىلىق خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئايان بولۇپ، خالايىق خۇداغا مەدھىيە ئوقۇيدۇ، - دېدى.


ھەزرىتى ئەيسا ئۈچىنچى قېتىم ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ: - سىلەر تېخىچە دەم ئېلىپ ئۇخلاۋاتامسىلەر؟ بولدى بەس ئەمدى! ئىنسانئوغلىنىڭ گۇناھكارلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى.


ئەرش تەختىدە ئولتۇرغۇچى ئى خۇدا، تەلمۈرۈپ كۆزلىرىمنى تىكىمەن ساڭا.


بۇنىڭ بىلەن، خالايىق تاشنى ئېلىۋەتتى، ھەزرىتى ئەيسا كۆزلىرىنى ئاسمانغا تىكىپ، مۇنداق دۇئا قىلدى: - ئى ئاتا، تەلىپىمنى ئاڭلايدىغىنىڭ ئۈچۈن ساڭا شۈكۈر ئېيتىمەن.


ھەزرىتى ئەيسا بۇ تەلىملەرنى مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى ئىئانە توپلىنىدىغان يەردە ئېيتقانىدى. بىراق، ھېچكىم ئۇنى تۇتمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى تېخى يېتىپ كەلمىگەنىدى.


شۇنىڭ بىلەن، بەزىلەر ھەزرىتى ئەيسانى تۇتماقچى بولۇشتى، لېكىن ئۇنىڭغا قول سالىدىغان ئادەم چىقمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى تېخى يېتىپ كەلمىگەنىدى.


مانا، شۇنداق ۋاقىت كېلەي دەپ قالدى، شۇنداقلا كېلىپ قالدىكى، ھەممىڭلار مېنى يالغۇز تاشلاپ ئۆز يوللىرىڭلارغا كېتىسىلەر. بىراق، مەن يالغۇز قالمايمەن، چۈنكى ئاتام مەن بىلەن بىللىدۇر.


ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ھارپىسى ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئاتىسىنىڭ يېنىغا كېتىدىغان ۋاقىتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدى. ئۇ بۇ دۇنيادىكى ئۆز ئادەملىرىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى بۇرۇنلا كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقىنى ئەمدى تولۇق كۆرسەتمەكچىدى.


مەن ھەر كۈنى سىلەر بىلەن مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىدا بولغاندا، ماڭا قول سالمىدىڭلار. بىراق، ئەمدى قول سالىدىغان ۋاقىت-سائىتىڭلار يېتىپ كەلدى. بۇ شەيتان ھۆكۈم سۈرىدىغان قاراڭغۇ ۋاقىتتۇر، - دېدى.


بىراق، ھېلىقى باجگىر باشقىلاردىن نېرى ھالدا ئىبادەتخانىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا تۇرۇپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي، مەيۈسلەنگەن ھالدا مەيدىسىگە ئۇرۇپ: «ئى خۇدايىم، مەن گۇناھكار. ماڭا رەھىم قىلغايسەن» دەپتۇ.


مەن خۇددى قارلىغاچ ياكى تۇرنىدەك نالە قىلدىم، خۇددى كەپتەردەك گۇڭۇلدىدىم. ئاسمانغا تىكىلىپ كۆزلىرىم تالدى، مەن مۈشكۈللۈكتە قالدىم، ئى پەرۋەردىگار مېنى قۇتقۇزغايسەن!›


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite