Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 16:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئۇ كەلگەندە، بۇ دۇنيادىكى كىشىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىگە، مېنىڭ ھەققانىيلىقىمغا ۋە ئاخىرقى زاماندىكى سوئال-سوراقنىڭ بولىدىغانلىقىغا قايىل قىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 16:8
10 Referans Kwoze  

ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنى سوراق قىلىپ، ئۇنىڭ يولىدا ماڭمىغان ھەربىر ئىنساننىڭ خۇداغا قارشى ھالدا قىلغان يامانلىقلىرى، شۇنداقلا بۇ گۇناھكارلارنىڭ رەببىمىزگە قارشى قىلغان بارلىق كۇپۇرلۇقلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جازالايدۇ.»


پېترۇسنىڭ بۇ سۆزلىرى ئاڭلىغۇچىلارغا يۈرەككە سانجىلغان خەنجەردەك كۈچلۈك تەگدى. ئۇلار قايىل بولغىنىدىن پېترۇس ۋە باشقا ئەلچىلەردىن: - قېرىنداشلار، ئۇنداقتا قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ - دەپ سوراشتى.


مەن داۋۇت ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقىنى مېھىر-شەپقەت روھىغا ۋە دۇئا ئىستىكىگە چۆمدۈرىمەن. ئۇلار ماڭا، يەنى ئۆزلىرى نەيزە تىققۇچىغا قارايدۇ. ئۇلار خۇددى يالغۇز پەرزەنتىگە ماتەم تۇتقاندەك ماتەم تۇتىدۇ ۋە تۇنجى پەرزەنتىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن ھازا ئاچقاندەك، قاتتىق يىغلىشىدۇ.


لېكىن، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىڭلار ئوخشاش بىر تىلدا خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈۋاتقاندا ئېتىقاد قىلمىغان ياكى ئەھۋالدىن خەۋىرى بولمىغان بىرى ئاراڭلارغا كىرىپ قالسا، ئۇ ھەممىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىڭلاردىن ئۆزىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، ۋىجدانى ئازابلىنىدۇ.


ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئالدى بىلەن ياشانغانلىرى، ئاندىن كېيىن باشقىلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىشتى. ئاخىردا، ھەزرىتى ئەيسا ئالدىدا ئۆرە تۇرغان ھېلىقى ئايال بىلەن يالغۇز قالدى.


قايسىڭلار مېنىڭ گۇناھىم بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيسىلەر، قېنى؟ ھەقىقەتنى سۆزلىسەم، نېمە ئۈچۈن ماڭا ئىشەنمەيسىلەر؟


بىلىپ قويۇڭلاركى، مېنىڭ كېتىشىم سىلەرگە پايدىلىق. كەتمىسەم، سىلەرگە ياردەمچى كەلمەيدۇ. ئەمما كەتسەم، ئۇنى سىلەرگە ئەۋەتىمەن.


ئۇلار گۇناھكار ئىكەنلىكىگە قايىل بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ماڭا ئېتىقاد قىلمىدى.


ئەگەر تېرە كېسىلى يامراپ، بېشىدىن تارتىپ تاكى پۇتىغىچە ھەممە يېرىنى قاپلاپ كەتكەن بولسا،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite