Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 16:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 بىلىپ قويۇڭلاركى، شۇ ۋاقىت كەلگەندە، مەندىن ھېچ نەرسە سورىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتامنىڭ ئۆزىدىن نېمىنى تىلىسەڭلار، ئۇ شۇنى بېرىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 16:23
22 Referans Kwoze  

سىلەر مەندە بولساڭلار ۋە سۆزلىرىم سىلەردە ساقلانسا، نېمىنى تەلەپ قىلساڭلار، شۇنىڭغا ئېرىشىسىلەر.


ئىشەنچىڭلار بولسا، دۇئا بىلەن تىلىگەن ھەرقانداق نەرسىگە ئېرىشىسىلەر.


ئۇلار ئۆتۈنۈشتىن بۇرۇن، مەن جاۋاب بېرىمەن، ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشمايلا، ئۇنى ئىجابەت قىلىمەن.


- دۇئا قىلىپ تىلەڭلار، خۇدا تىلىگىنىڭلارنى بېرىدۇ. ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر. ئىشىكنى قېقىڭلار، ئېچىلىدۇ.


شۇ كۈنلەر كەلگەندە، تىلەكلىرىڭلارنى مېنىڭ نامىم بىلەن تىلەيسىلەر. مەن سىلەر ئۈچۈن ئاتامدىن تەلەپ قىلىمەن، دېمەكچى ئەمەسمەن.


شۇ ۋاقىت كەلگەندە بىلىسىلەركى، مەن ئاتامدا بولىمەن، سىلەر مەندە بولىسىلەر، مەنمۇ ھەم سىلەردە بولىمەن.


دېمەك، ئەيسا مەسىھنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ھەممەيلەن قەلبىمىزدىكى ئوخشاش بىر مۇقەددەس روھقا تايىنىپ خۇدائاتىمىزنىڭ ئالدىغا بارالايمىز.


ئەزىز بالىلىرىم، مەن سىلەرنى گۇناھ سادىر قىلمىسۇن دەپ، بۇ سۆزلەرنى يازماقتىمەن. مۇبادا بىرىمىز گۇناھ سادىر قىلساق، ئاقلىغۇچىمىز بولغان ئادىل ئەيسا مەسىھ ئەرشتىكى ئاتىمىزنىڭ ئالدىدا بىزنى ئاقلايدۇ.


- ئى رەببىم، سىزنىڭ قەيەرگە كېتىدىغانلىقىڭىزنى بىلمەيمىز. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇ يولنى قانداق بىلىمىز؟ - دېدى توماس.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ سورىماقچى بولغان سوئالىنى بىلىپ، مۇنداق دېدى: - مېنىڭ «ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، مېنى كۆرمەيسىلەر. يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مېنى كۆرىسىلەر» دېگىنىمنىڭ مەنىسىنى بىر-بىرىڭلاردىن سوراۋاتامسىلەر؟


بىز سىزنىڭ ھەممىنى بىلىدىغانلىقىڭىزنى ئەمدى چۈشەندۇق. چۈنكى، بىز سوئال سورىمىساقمۇ، سىز كۆڭلىمىزدىكىنى بىلىدىكەنسىز. بۇنىڭدىن سىزنىڭ خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەنلىكىڭىزگە ئىشەندۇق، - دېيىشتى.


يەھۇدا ئىسىملىك باشقا بىر شاگىرت (يەھۇدا ئىشقارىيوت ئەمەس) ھەزرىتى ئەيسادىن: - ئى رەببىم، نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىگە ئايان قىلماي، بىزگىلا ئايان قىلىسىز؟ - دەپ سورىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite