Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 16:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 سىلەرگە ئېيتىدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى. بىراق، سىلەر ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيسىلەر.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 16:12
8 Referans Kwoze  

ئەمدى سىلەرنى «چاكار» دېمەيمەن. چۈنكى، چاكار خوجايىنىنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى «دوست» دەيمەن، چۈنكى ئاتامدىن ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم.


ھەزرىتى ئەيسا خۇدانىڭ سۆزىنى بۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن تەمسىللەر بىلەن جامائەت چۈشىنەلىگۈدەك قىلىپ چۈشەندۈرەتتى.


ئۇ ئۆلۈپ، تىرىلگەندىن كېيىنكى قىرىق كۈن ئىچىدە ئۇلارغا كۆپ قېتىم كۆرۈنۈپ، ئۆزىنىڭ تىرىلدۈرۈلگەنلىكىنىڭ شەكسىز ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلىغانىدى ۋە خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر سۆزلەرنى قىلغانىدى.


سىلەر بىلەن سۆزلىشىدىغان ۋاقىت كۆپ قالمىدى. چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى - شەيتان كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ مېنى بېسىپ چۈشكۈدەك قۇدرىتى ئەسلا يوقتۇر.


ئۇلار ئاخىرقى زاماندىكى سوئال-سوراقنىڭ چوقۇم بولىدىغانلىقىغا قايىل بولىدۇ. چۈنكى، خۇدا بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى بولغان شەيتاننى سوراققا تارتتى.


لېكىن، ھەقىقەتكە باشلىغۇچى - مۇقەددەس روھ كەلگەندە، سىلەرگە بارلىق ھەقىقەتنى ئۆگىتىدۇ. ئۇ ئۆزلۈكىدىن سۆزلىمەيدۇ؛ ئەكسىچە، ئاتام ئىككىمىزنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سۆزلەيدۇ ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى سىلەرگە يەتكۈزىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite