Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 15:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئاتام مېنى سۆيگىنىدەك، مەنمۇ سىلەرنى سۆيدۈم، مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە بولۇڭلار.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 15:9
9 Referans Kwoze  

مەن سېنى ئۇلارغا ئايان قىلدىم، يەنە داۋاملىق ئايان قىلىمەن. بۇنىڭ بىلەن، ماڭا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ ئۇلاردا بولسۇن، ھەم مەنمۇ ئۇلاردا بولاي.


دېمەك، ئەزىز بالىلىرىم، داۋاملىق ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ ياشاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇ قايتىپ كەلگەندە يۈرىكىمىز توق تۇرىدۇ ھەم ئۇنىڭ ئالدىدا خىجالەتچىلىكتە قالمايمىز.


سادىق گۇۋاھچى، ئۆلۈمدىن تۇنجى تىرىلگۈچى، دۇنيا پادىشاھلىرىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق بولغاي. ئۇ بىزنى سۆيدى، ئۆز قېنى بىلەن بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن ئازاد قىلدى،


ئۆز دوستلىرى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشتىن چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت يوقتۇر.


بۇلارنى سىلەرگە خۇشاللىقىمدىن بەھرىمەن بولسۇن ۋە خۇشاللىقى تولۇپ تاشسۇن، دەپ ئېيتتىم.


بۇ ئارقىلىق سىلەر خۇدانىڭ بارلىق مۇقەددەس خەلقى بىلەن بىللە ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنىڭ نەقەدەر مول، زور، چوڭقۇر ۋە چەكسىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلەيسىلەر. گەرچە ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىنسان تەسەۋۋۇرىدىن ھەسسىلەپ ھالقىپ كەتكەن بولسىمۇ، سىلەر بۇنى تونۇپ يەتكەيسىلەر. شۇنداق بولغاندا، سىلەر خۇدانىڭ مول كامالىتى بىلەن تولدۇرۇلىسىلەر.


لېكىن سىلەر، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ئۆزۈڭلارنى ئىنتايىن مۇقەددەس بولغان ئېتىقادىڭلارنىڭ ئۇلى ئۈستىدە ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈڭلار ۋە مۇقەددەس روھقا تايىنىپ دۇئا قىلىڭلار.


ئەرشتىكى ئاتىمىز ئوغلىنى سۆيىدۇ ۋە ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغان.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite