13 ئۆز دوستلىرى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشتىن چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت يوقتۇر.
ياخشى قويچى ئۆزۈمدۇرمەن. ياخشى قويچىنىڭ قويلىرى ئۈچۈن جېنى پىدادۇر.
ئەيسا مەسىھ بىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، بىز ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغاندەك، سىلەرمۇ ھاياتىڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا شۇنداق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىشى خۇددى خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئوخشاش، خۇدانى خۇرسەن قىلدى.
ھەزرىتى ئەيسا يەنە مۇنداق دېدى: - دوستلار، جېنىڭلارنى تېنىڭلاردىن جۇدا قىلىشتىن باشقا زىيانكەشلىك قولىدىن كەلمەيدىغانلاردىن قورقماڭلار.
ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنى ھەقىقىي ئاتىسۇن دەپ، ئۆزۈمنى ساڭا ئاتايمەن.
بىز مېھىر-مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئەيسا مەسىھنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلغانلىقىدىن بىلەلەيمىز. شۇڭا، بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئۆز جېنىمىزنى پىدا قىلىشقا تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك.