Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 14:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 - فىلىپ، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - سىلەر بىلەن بىرگە بولغىنىمغا تالاي ۋاقىت بولدى، مېنى تېخىچە تونۇمىدىڭمۇ؟ مېنى كۆرگەن كىشى ئاتام خۇدانى كۆرگەن بولىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سەن نېمىشقا يەنە: «بىزگە ئاتىڭىزنى كۆرسىتىڭ» دەيسەن؟

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 14:9
16 Referans Kwoze  

ئەيسا مەسىھ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان خۇدانىڭ ئوبرازىدۇر. ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلاردىن بۇرۇن مەۋجۇت بولغان بولۇپ، ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.


مېنى كۆرگەنلەر مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ كۆرگەن بولىدۇ.


ئەگەر مېنى تونۇغان بولساڭلار، ئاتامنىمۇ تونۇغان بولاتتىڭلار. ھازىردىن باشلاپ ئۇنى تونۇدۇڭلار ھەم ئۇنى كۆردۈڭلار، - دېدى.


ئۇ ئاتىسى خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن پارلىغان نۇر، ئاتىسىنىڭ تەبىئىتىنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىدۇر. ئۇ ئۆز سۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن پۈتكۈل كائىناتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇ ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىدىن پاكلىنىش يولىنى ئېچىپ بەرگەندىن كېيىن، ئەرشتىكى خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى.


ئاتام ئىككىمىز ئەسلىدە بىرمىز.


«كالام» ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ياشىدى. ئۇ مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بولۇپ، بىز ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، يەنى ئاتىمىز خۇدانىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆردۇق.


ئۇ تەبىئىتى جەھەتتە خۇدا بولسىمۇ، خۇدا بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرۇشۇم كېرەك، دېمىدى.


شۇ ۋاقىت كەلگەندە بىلىسىلەركى، مەن ئاتامدا بولىمەن، سىلەر مەندە بولىسىلەر، مەنمۇ ھەم سىلەردە بولىمەن.


- ئەي ئېتىقادسىز ئەۋلاد! سىلەر ماڭا ئىشەنگۈچە، مەن سىلەر بىلەن يەنە قانچىلىك بىللە بولۇشۇم كېرەك؟ يەنە قاچانغىچە بەرداشلىق بېرەي؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - بالىنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار.


ئەي ساختىپەزلەر! سىلەر ئاسمان-زېمىننىڭ رەڭگىنى چۈشەندۈرەلەيسىلەريۇ، ھازىرنىڭ نېمە ۋاقىت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرەلمەمسىلەر؟!


ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلگەنلىكى سىلەرگە يەتكۈزۈلگەن تۇرۇقلۇق، يەنە نېمە ئۈچۈن ئاراڭلاردا بەزىلەر «ئۆلگەنلەر قايتا تىرىلمەيدۇ» دەيدۇ؟


سىلەر: ‹بىز ئۆزىمىزنى بۇلغىمىدۇق! بائالنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇنمىدۇق!› دېدىڭلار. ئەمما قانداقمۇ شۇنداق دېيەلەيسىلەر؟ بەنھىننوم جىلغىسىدا ئۆتكۈزگەن قىلمىشىڭلارغا قاراڭلار! ئۆزۈڭلار ئۇ يەردە ئۆتكۈزگەن ئېغىر گۇناھلىرىڭلار ئۈستىدە ئويلىنىڭلار! سىلەر خۇددى چىشى تۆگە كۈيلەش مەزگىلىدە جۈپ ئىزدىگەندەك، بۇتلارنى ئىزدەپ يۈرىسىلەر.


پاناھلىق تاپقان تۇرسام پەرۋەردىگاردا، «قۇشقاچ كەبى ئۇچۇپ كەت ئۆز تېغىڭغا» دېگىنىڭلار نېمىسى ماڭا؟!


ئۇ ئىسھاقنى چاقىرتىپ: _ ئۇ سېنىڭ ئايالىڭ ئىكەن، نېمە ئۈچۈن ئۇنى سىڭلىم دېدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. ئىسھاق جاۋاب بېرىپ: _ باشقىلار ئايالىمنى دەپ، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتەرمىكىن دەپ ئويلىدىم، _ دېدى.


- ئاتاڭ قەيەردە؟ - دەپ سوراشتى ئۇلار. - سىلەر يا مېنى تونۇمايسىلەر، يا ئاتامنى. مېنى تونۇغان بولساڭلار، ئاتامنىمۇ تونۇيتتۇڭلار، - دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا.


يەنە بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئوغلى دۇنياغا كەلدى ۋە ھەقىقىي خۇدانى تونۇشىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزگە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى. بىز ھەقىقىي خۇداغا باغلىنىپ ياشاۋاتىمىز. چۈنكى، بىز ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھكە باغلانغانمىز. ئەيسا مەسىھ ھەقىقىي خۇدادۇر ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite