4 ئۇ داستىخاندىن تۇرۇپ، تونىنى يېشىپ، بىر لۆڭگە بىلەن بېلىنى باغلىدى.
رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نەقەدەر مېھىر-شەپقەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. گەرچە ئۇ باي بولسىمۇ، سىلەر ئۈچۈن نامرات بولدى. مەقسەت، ئۆزى نامرات بولۇش ئارقىلىق سىلەرنى روھىي جەھەتتىن باي قىلىش ئىدى.
ئادەتتە كىم مەرتىۋىلىك؟ داستىخاندا ئولتۇرغانمۇ ياكى خىزمەتكارمۇ؟ ئەلۋەتتە، داستىخاندا ئولتۇرغان ئەمەسمۇ؟ بىراق ماڭا كەلسەك، گەرچە مەن سىلەرنىڭ ئۇستازىڭلار بولساممۇ، ئاراڭلاردا خىزمەتكارغا ئوخشاشمەن.
خوجايىن قايتىپ كەلگەندە چاكارلىرىنىڭ ئويغاق ۋە تەييار تۇرغانلىقىنى كۆرسە، بۇ چاكارلارنىڭ بەختىدۇر! بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇنى كۆرگەن خوجايىن چاكارلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇلارنى داستىخانغا ئولتۇرغۇزۇپ، شەخسەن ئۆزى كۈتۈۋالىدۇ.
- ئەگەر مەلۇم بىرىڭلارنىڭ تېرىقچىلىق قىلىدىغان ياكى قوي باقىدىغان قۇلۇڭلار بولۇپ، ئۇ قورۇقتىن قايتىپ كەلگەندە: «تېزرەك كېلىپ تامىقىڭنى يەۋال» دەرسىلەرمۇ؟
لېكىن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات: _ بۇ يەردە بېشارەت سورىغۇدەك پەرۋەردىگارنىڭ بىرەر پەيغەمبىرى يوقمۇ؟ _ دېدى. ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ بىر خىزمەتكارى جاۋاب بېرىپ: _ شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشا مۇشۇ يەردە. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئىلياس پەيغەمبەرنىڭ خىزمەتكارى ئىدى، _ دېدى.
ياق! بەلكى ئۇنىڭغا: «پەرتۇقنى تارت، ئاۋۋال كەچلىك تاماق تەييارلاپ، مېنى غىزالاندۇرغىن، ئاندىن بېرىپ تامىقىڭنى يە» دەيسىلەر.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، تونىنى كىيىپ يەنە داستىخانغا ئولتۇردى ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - سىلەر نېمە قىلغانلىقىمنى چۈشەندىڭلارمۇ؟
بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى! مانا بۇ، سىلەر بۇرۇندىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقان تەلىم.