3 ھەزرىتى ئەيسا ئاتىسىنىڭ ھەممە ھوقۇقنى ئۆزىگە ئامانەت قىلغانلىقىنى، ئاتىسى خۇدانىڭ يېنىدىن كېلىپ، خۇدانىڭ يېنىغا كېتىدىغانلىقىنى بىلەتتى.
ئەرشتىكى ئاتىمىز ئوغلىنى سۆيىدۇ ۋە ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغان.
ئاتام ھەممىنى ماڭا تەقدىم قىلدى. مېنى ئاتامدىن باشقا ھېچكىم ھەقىقىي تونۇمايدۇ. ئاتامنىمۇ مەن ۋە مەن ئۆزۈم ئاشكارىلاشنى خالايدىغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم ھەقىقىي تونۇمايدۇ.
مۇشۇ ئاخىرقى ۋاقىتلاردا بولسا بىزگە ئۆز ئوغلى ئارقىلىق سۆزلىدى. خۇدا كائىناتنى ئوغلى ئارقىلىق ياراتتى ۋە ئوغلىنى پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ مىراسخورى قىلىپ بېكىتتى.
چۈنكى، سەن ئۇنىڭغا پۈتكۈل ئىنسانىيەتتىن ئۈستۈن ھوقۇق ئاتا قىلدىڭ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇ سەن ئۇنىڭغا بەرگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىگە مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلسۇن.
- ئاتاڭلار خۇدا بولغان بولسا، مېنى سۆيگەن بولاتتىڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - چۈنكى مەن خۇدانىڭ يېنىدىن كەلدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردىمەن. ئۆزلۈكۈمدىن كەلگەن ئەمەسمەن، بەلكى ئۇ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنمەن.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، مۇنداق دېدى: - ئەرشتە ۋە يەر يۈزىدە پۈتۈن ھوقۇق ماڭا بېرىلدى.
مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا ھەممىنى ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىدا تىز پۈكتۈردى» دېيىلىدۇ. بۇ يەردە ئېيتىلغان «بارلىقىنى ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىدا تىز پۈكتۈردى» دېگەن سۆزنىڭ خۇدانى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى ئېنىقتۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي ئىسرائىل قېرىنداشلار، شۇنى قەتئىي بىلىشىڭلار كېرەككى، خۇدا سىلەر كرېستكە مىخلاپ ئۆلتۈرگەن ھەزرىتى ئەيسانى ھەم رەببىمىز، ھەم بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن ئازاد قىلىدىغان قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ قىلىپ تەيىنلىدى! - دېدى.
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ھارپىسى ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئاتىسىنىڭ يېنىغا كېتىدىغان ۋاقىتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدى. ئۇ بۇ دۇنيادىكى ئۆز ئادەملىرىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى بۇرۇنلا كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقىنى ئەمدى تولۇق كۆرسەتمەكچىدى.
ھەزرىتى ئەيسا: - يەنە بىرئاز ۋاقىت سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن. كېيىن، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ يېنىغا كېتىمەن.
مەن ئۇنى تونۇيمەن. چۈنكى مەن ئۇنىڭ يېنىدىن كەلدىم، مېنى ئۇ ئەۋەتتى.
ھېچكىم ئەرشتىكى ئىشلارنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. چۈنكى، ھېچكىم ئەرشتىن چۈشكەن ئەمەس. لېكىن، ئىنسانئوغلى بۇلارنى بىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئەرشتىن چۈشكەن.
خۇدانى ھېچكىم كۆرۈپ باققان ئەمەس. بىراق، ئۇنى ئاتىمىز خۇدانىڭ ھەمراھى ۋە يېگانە ئوغلى، شۇنداقلا ئۆزى خۇدا بولغان ئەيسا مەسىھ بىزگە بىلدۈردى.
ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپىدىكىلەرگە: - ئاتام ھەممىنى ماڭا ئاتا قىلدى. مېنىڭ كىملىكىمنى ئاتامدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئاتامنىڭ كىملىكىنىمۇ مەن ۋە مەن ئۆزۈم ئاشكارىلاشنى خالايدىغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ، - دېدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - مەن ئۆزۈمگە گۇۋاھلىق بېرىپ سۆزلىسەممۇ، سۆزلىرىم ھەقتۇر، چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىمنى ۋە قەيەرگە كېتىدىغانلىقىمنى بىلىمەن. لېكىن، سىلەر بۇنى بىلمەيسىلەر.