11 (ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنى كىمنىڭ تۇتۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ھەممىسىنىڭلا پاك ئەمەسلىكىنى دېگەنىدى.)
ھەزرىتى ئەيسا: - بىر چىشلەم ناننى ئاشقا تۆگۈرۈپ كىمگە سۇنسام، شۇ، - دەپ جاۋاب بەردى. كېيىن، ئۇ ناننى ئاشقا تۆگۈرۈپ، سىمۇننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتقا سۇندى.
ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، قاتتىق ئازابلانغان ھالدا ئوچۇقىنى ئېيتتى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاراڭلاردا بىرەيلەن ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ!
«سىلەر گۇناھلىرىڭلاردىن پاك» دېگەن سۆزۈم ھەممىڭلارغا قارىتىلغان ئەمەس. مەن تاللىغانلىرىمنى بىلىمەن، لېكىن مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن ئېيتىلغان: «مەن بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ، نېنىمنى يېگەن دوستۇم مەندىن يۈز ئۆرۈدى!» دېگەن بۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى كېرەك.
ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن كەچلىك تاماقتا بىللە بولدى. شەيتان ئاللىبۇرۇن سىمۇننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتنىڭ كۆڭلىگە ھەزرىتى ئەيسانى يەھۇدىي ئاقساقاللىرىغا تۇتۇپ بېرىش ۋەسۋەسىسىنى سالغانىدى.
ئىنسان تەبىئىتى ھەققىدە ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا بىر نەرسە دەپ بېرىشىنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىدى. چۈنكى، ئۇ ئۆزى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە نېمە بار ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.
مەن ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا، ئۇلارنىڭ ساڭا بولغان سادىقلىقىنى ساقلىدىم ھەم قوغدىدىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھالاكەت يولىغا ماڭغان كىشىدىن باشقا بىرىمۇ يوقالمىدى. مۇقەددەس يازمىلاردىكى ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشى توغرۇلۇق ئېيتىلغانلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن، مۇشۇنداق بولدى.
ھەزرىتى ئەيسا بېشىغا كېلىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ: - كىمنى ئىزدەيسىلەر؟ - دەپ سورىدى.