6 بۇ سۆزنى ئۇ كەمبەغەللەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئوغرى بولغانلىقى ئۈچۈن دېگەنىدى. ئۇ شاگىرتلارنىڭ ئورتاق پۇلىنى باشقۇراتتى ۋە ئوغرىلاپ خەجلەيتتى.
ئۇلارنىڭ ئورتاق پۇلى يەھۇدادا بولغانلىقتىن، بەزىلەر ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: «ھېيتلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ كەل» ياكى «كەمبەغەللەرگە بىر نەرسە بەر» دېمەكچى بولسا كېرەك، دەپ ئويلاشتى.
بىراق، سىلەر كەمبەغەللەرنى خارلىدىڭلار! سىلەرنى ئەزگەن ۋە سوتقا سۆرىگەنلەر ئەمەلىيەتتە بايلار ئەمەسمۇ؟
سىلەرنىڭ خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان يىغىلىشىڭلارغا پۇزۇر كىيىنىۋالغان بىر باي ۋە جۇل-جۇل كىيىنىۋالغان بىر كەمبەغەل كەلسە،
ھەر خىل يامانلىقلاردىن يىراق تۇرۇڭلار.
ئۇلار پەقەت بىزدىن ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدىكى كەمبەغەل ئېتىقادچىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىزنى تەلەپ قىلدى. مەنمۇ ئەسلىدە دەل شۇنداق قىلىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتاتتىم.
ئوغرىلار، ئاچكۆزلەر، ھاراقكەشلەر، تۆھمەتخورلار ۋە ئالدامچىلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئۇرۇن يوق.
مەدىكار نېمىشقا قاچىدۇ؟ چۈنكى، ئۇ قويلارنىڭ ئىگىسى ئەمەس، شۇڭلاشقا ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.
ئۇلارغا: - مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ: «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا-تىلاۋەتخانا دەپ ئاتالسۇن» دېگەن سۆزى يېزىلغان. لېكىن، سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋاتىسىلەر! - دېدى.
ئۇلار ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكىدەك ئالدىڭغا توپلىشىپ كېلىپ، گېپىڭنى ئاڭلىشىدۇ، تۇرقىدىن مېنىڭ خەلقىمگە ئوخشايدۇ. لېكىن ئۇلار ئەمەلىيەتتە گېپىڭگە ئەمەل قىلمايدۇ. ئۇلار ئېغىزلىرىدا تاتلىق سۆزلىسىمۇ، لېكىن قەلبلىرىدە ھارام بايلىققا ئىنتىلىدۇ.
ھەققانىي كۆڭۈل بۆلەر كەمبەغەللەرنىڭ ھوقۇقىغا، رەزىللەرنىڭ كارى بولماس بۇنىڭغا.
ئەخمەقلەر كۆڭۈللىرىدە دېيىشەر «يوقتۇر خۇدا». يىرگىنچلىك، رەزىل بولۇپ قىلمىشلىرى، ماڭمىغاندۇر ئۇلارنىڭ بىرسىمۇ توغرا يولدا.
ھىرود خاننىڭ ساراي ئەمەلدارى خۇزانىڭ ئايالى يوئاننا، سۇزانا ۋە باشقا بىرمۇنچە ئاياللارمۇ بار ئىدى. بۇلار ئۆز مال-مۈلۈكلىرى بىلەن ھەزرىتى ئەيسا ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىغا ياردەمدە بولدى.
- بۇ ئەتىرنىڭ قىممىتى بىر ئادەمنىڭ يىللىق كىرىمىگە تەڭ كېلىدىكەن! نېمىشقا بۇ ئەتىر سېتىلىپ، پۇلى كەمبەغەللەرگە بېرىلمىدى؟ - دېدى.