5 - بۇ ئەتىرنىڭ قىممىتى بىر ئادەمنىڭ يىللىق كىرىمىگە تەڭ كېلىدىكەن! نېمىشقا بۇ ئەتىر سېتىلىپ، پۇلى كەمبەغەللەرگە بېرىلمىدى؟ - دېدى.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا يەنە مۇنداق دېدى: - سىزدە قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر ئىش كەم. پۈتۈن مال-مۈلكىڭىزنى سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە بېرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئەرشتە خەزىنىڭىز بولىدۇ. ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگىشىڭ.
مال-مۈلكۈڭلارنى سېتىپ، كەمبەغەللەرگە سەدىقە بېرىڭلار. ئۆزۈڭلارغا ئۇپرىمايدىغان ھەميان ھازىرلاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئوغرى ئالمايدىغان، كۈيە يېمەيدىغان جاي - ئەرشتە خەزىنە توپلىغان بولىسىلەر.
فىلىپ جاۋابەن: - ھەممەيلەننىڭ بىر بۇردىدىن نان يېيىشى ئۈچۈن، يېرىم يىللىق كىرىممۇ يەتمەيدۇ! - دېدى.
نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ ھەرە كېپىكىدەك كىچىك سەۋەنلىكىنىلا كۆرۈپ، ئۆزۈڭدىكى لىمدەك چوڭ گۇناھنى كۆرمەيسەن؟!
ئۇ ئىشلەمچىلەرنىڭ كۈنلۈكىگە بىر كۈمۈش تەڭگىدىن بېرىشكە كېلىشىپ، ئۇلارنى ئۈزۈمزارلىقىغا ئەۋەتىپتۇ.
سىلەر ئۆز-ئۆزۈڭلارغا: «يېڭى ئاي بايرىمى ئۆتۈپ كەتسىلا، ئاشلىقلىرىمىزنى ساتالايتتۇق. دەم ئېلىش كۈنى ئۆتۈپ كەتسىلا، بۇغداي ئامبارلىرىمىزنى ئاچالايتتۇق. كەمچىنىمىزنى كىچىكلىتىپ، باھاسىنى ئۆستۈرۈپ، ساختا تارازا بىلەن ئالدامچىلىق قىلالايتتۇق.
پىرئەۋن ئۇلارغا: _ ھەرقايسىڭ ھۇرۇن، ھۇرۇن نېمىلەرسەن! «پەرۋەردىگارىمىز ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىپ كېلىشكە ئىجازەت بەرگەيلا» دېيىشكەنلىرىڭنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ.
لېكىن ئۇلار كېسەك سانىنى بۇرۇنقىدەكلا ئورۇندىسۇن. بۇ ساننى كېمەيتىشىڭلارغا قەتئىي بولمايدۇ. ئۇلار ھۇرۇن، ئۇلارنىڭ: «خۇدايىمىز ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغىلى بېرىشىمىزغا ئىجازەت بەرگەيسىز» دېيىشىنىڭ سەۋەبىمۇ دەل شۇ!
لېكىن، چاكار ئۇ يەردىن چىقىپ، ئۆزىگە بىرنەچچە تەڭگە قەرزدار بولغان يەنە بىر چاكارنى ئۇچرىتىپتۇ. ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، بوينىنى سىقىپ تۇرۇپ: «قەرزىڭنى تۆلە» دەپتۇ.
لېكىن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى، يەنى كېيىن ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان يەھۇدا ئىشقارىيوت:
بۇ سۆزنى ئۇ كەمبەغەللەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئوغرى بولغانلىقى ئۈچۈن دېگەنىدى. ئۇ شاگىرتلارنىڭ ئورتاق پۇلىنى باشقۇراتتى ۋە ئوغرىلاپ خەجلەيتتى.
ئۇلارنىڭ ئورتاق پۇلى يەھۇدادا بولغانلىقتىن، بەزىلەر ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: «ھېيتلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ كەل» ياكى «كەمبەغەللەرگە بىر نەرسە بەر» دېمەكچى بولسا كېرەك، دەپ ئويلاشتى.
بىز سىلىنىڭ تۇزلىرىنى يەپ كەلگەن پۇقرالار، ئالىيلىرىنىڭ نامىغا داغ چۈشۈرۈشنى ھەرگىز خالىمايمىز. شۇ ۋەجىدىن بۇ ئىشنى ئۆزلىرىگە مەلۇم قىلدۇق.