Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 12:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 ھاياتىنى ئايىغانلار ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ. لېكىن، بۇ دۇنيادا ھاياتىنى ئايىمىغانلار ئۇنى مەڭگۈ ساقلىيالايدۇ.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 12:25
13 Referans Kwoze  

ئۆز ھاياتىنى ئايايدىغانلار ئەكسىچە ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ. مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى ئايىمايدىغانلار ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.


چۈنكى، ئۆزى ئۈچۈنلا ياشايدىغانلار ئەكسىچە ھاياتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. بىراق، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، مېنىڭ ئۈچۈن ياشايدىغانلار ھاياتىنى ساقلىيالايدۇ.


چۈنكى، ئۆزى ئۈچۈنلا ياشايدىغانلار ئەكسىچە ھاياتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. بىراق، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، مەن ۋە خۇش خەۋەر ئۈچۈن ياشايدىغانلار ھاياتىنى ساقلىيالايدۇ.


چۈنكى، ئۆزى ئۈچۈنلا ياشايدىغانلار ئەكسىچە ھاياتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. بىراق، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، مېنىڭ ئۈچۈن ياشايدىغانلار ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ.


- ماڭا ئەگەشكەنلەر مېنى ئاتا-ئانىسى، بالا-چاقىسى، ئاكا-ئۇكىلىرى، ئاچا-سىڭىللىرى، ھەتتا ئۆز جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرمىسە، مېنىڭ شاگىرتىم بولۇشقا لايىق ئەمەس.


قېرىنداشلىرىمىز قوزىنىڭ قېنى ۋە ئۇنىڭ قىلغان گۇۋاھلىقى بىلەن ئەجدىھانى يەڭدى. ئۇلار ھەتتا ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ئۆز جېنىنى ئايىمىدى.


مېنى دەپ ئۆيلىرى، قېرىنداشلىرى، ئاتا-ئانىسى، بالا-چاقىلىرى ياكى يەر-زېمىنلىرىدىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى يوقاتقانلىرىدىن يۈز ھەسسە ئارتۇقراققا ئېرىشىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.


لېكىن، مەن ئۆز مۇساپەمنى تاماملىشىم، رەببىمىز ئەيسانىڭ تاپشۇرغان خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىشىم، يەنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇشۇم ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىمنى قىلچە ئايىماي، يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن.


شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ھاياتتىن نەپرەتلەندىم، چۈنكى قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بەرگەن ھەربىر ئىشلار ماڭا قايغۇلۇق بىلىندى. بارلىق ئىشلار خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن.


لېكىن، پاۋلۇس: - سىلەر نېمىشقا بۇنچىۋالا قايغۇرۇپ، يۈرىكىمنى ئېزىسىلەر؟ مەن يېرۇسالېمدا رەببىمىز ئەيسا ئۈچۈن تۇتقۇن بولۇشقىلا ئەمەس، ئۇ يەردە ئۆلۈشكىمۇ تەييارمەن، - دەپ جاۋاب بەردى.


ئېتىقادى ۋەجىدىن، بەزى ئاياللار ئۆلۈپ كەتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۆلۈمدىن قايتۇرۇۋالدى. بەزى كىشىلەر بولسا كەلگۈسىدە ئۆلۈمدىن تىرىلىپ تېخىمۇ ياخشى بىر ھاياتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئىسكەنجىلەرگە بەرداشلىق بېرىپ ئۆلۈشكە رازى بولدىكى، ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىپ زىنداندىن ئازاد بولۇشنى خالىمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite