Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 12:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ئىنسانئوغلىنىڭ شان-شەرەپكە ئىگە بولىدىغان ۋاقىت-سائىتى يېقىنلىشىپ قالدى.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 12:23
16 Referans Kwoze  

ئاراللار ماڭا ئۈمىدىنى باغلاپ، ماڭا ئىنتىزار بولماقتا، ئۇلارنىڭ يىراقتىكى تارشىشتىن كېلىدىغان كاتتا كېمىلىرى باشلامچى بولۇپ، پەرزەنتلىرىڭنى ھەم ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى يىراقتىن ئەكەلمەكتە، ئۇلار شۇنداق قىلىپ، مەن پەرۋەردىگارىڭنى، يەنى ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانى ھۆرمەتلەيدۇ، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار سېنى شان-شەرەپكە ئېرىشتۈردۈم.


ھەزرىتى ئەيسا ئۈچىنچى قېتىم ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ: - سىلەر تېخىچە دەم ئېلىپ ئۇخلاۋاتامسىلەر؟ بولدى بەس ئەمدى! ئىنسانئوغلىنىڭ گۇناھكارلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى.


- ئىنسانئوغلى ئۆز شان-شەرىپى ئىچىدە پۈتۈن پەرىشتىلىرى بىلەن بىللە كەلگىنىدە، پادىشاھ بولۇپ شەرەپ تەختىدە ئولتۇرىدۇ.


سىلەر ئۆزۈڭلار تونۇمايدىغان ئەللەرنى چاقىرىسىلەر، سىلەرنى تونۇمايدىغان ئەللەر قېشىڭلارغا يۈگۈرۈپ كېلىدۇ، چۈنكى مەن، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا، سىلەرگە شان-شەرەپ ئاتا قىلىمەن.»


ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئۇ چاغدا بۇنى چۈشەنمىگەنىدى، لېكىن ھەزرىتى ئەيسا تىرىلىش ۋە ئاسمانغا چىقىش بىلەن ئۇلۇغلانغاندىن كېيىن، زەكەرىيا پەيغەمبەر يازغان بۇ سۆزلەرنى ھەمدە بۇ ئىش دەل پەيغەمبەر ئالدىن ئېيتقاندەك چىققانلىقىنى تونۇپ يەتتى.


كېيىن، شاگىرتلارنىڭ يېنىغا كېلىپ: - سىلەر تېخىچە دەم ئېلىپ ئۇخلاۋاتامسىلەر؟ ئىنسانئوغلىنىڭ گۇناھكارلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى.


ۋە سەل نېرىراق بېرىپ، يەرگە باش قويۇپ، مۇمكىن بولسا ئۇ كۈننىڭ ئۆز بېشىغا كەلمەسلىكىگە دۇئا قىلىپ:


ئۇ بۇ سۆزنى ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغانلارغا ئاتا قىلىنىدىغان خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا قارىتا ئېيتقانىدى. خۇدانىڭ روھى تېخى ھېچكىمگە چۈشمىگەنىدى، چۈنكى ھەزرىتى ئەيسا تېخى ئاتىسىنىڭ ئەرشتىكى شان-شەرىپىگە كىرمىگەنىدى.


- ھازىر كۆڭلۈم قاتتىق ئازابلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا نېمە دېيىشىم كېرەك؟ «ئاتا، مېنى كېلىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلىك ۋاقىت-سائەتتىن قۇتقۇز!» دەيمۇ؟ ياق! مەن شۇ ۋاقىت-سائەتنى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كەلدىم.


ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ھارپىسى ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئاتىسىنىڭ يېنىغا كېتىدىغان ۋاقىتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدى. ئۇ بۇ دۇنيادىكى ئۆز ئادەملىرىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى بۇرۇنلا كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقىنى ئەمدى تولۇق كۆرسەتمەكچىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite