Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 12:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئۇ يەردە ئۇنىڭغا زىياپەت بېرىلدى. مارتا ئۇ يەردە مېھمانلارنى كۈتۈۋاتاتتى. لازار ھەزرىتى ئەيسا بىلەن ھەمداستىخان بولغانلاردىن بىرى ئىدى.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 12:2
12 Referans Kwoze  

قارا، مەن ھازىر ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ، ئىشىكنى قېقىۋاتىمەن. ئەگەر بىرى ئاۋازىمنى ئاڭلاپ ئىشىكنى ئاچسا، ئۇنىڭ يېنىغا كىرىمەن. مەن ئۇنىڭ بىلەن، ئۇمۇ مەن بىلەن بىللە غىزالىنىدۇ.


ئادەتتە كىم مەرتىۋىلىك؟ داستىخاندا ئولتۇرغانمۇ ياكى خىزمەتكارمۇ؟ ئەلۋەتتە، داستىخاندا ئولتۇرغان ئەمەسمۇ؟ بىراق ماڭا كەلسەك، گەرچە مەن سىلەرنىڭ ئۇستازىڭلار بولساممۇ، ئاراڭلاردا خىزمەتكارغا ئوخشاشمەن.


ھەزرىتى ئەيسا بەيتانىيا يېزىسىدا ئىلگىرى ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان سىمۇننىڭ ئۆيىدە داستىخاندا ئولتۇرۇۋاتقاندا، ئىچىگە قىممەتلىك ساپ سۇمبۇل ئەتىرى قاچىلانغان، ئاق قاشتېشىدىن ياسالغان قۇتىنى تۇتقان بىر ئايال كىرىپ، قولىدىكى قۇتىنى ئېچىپ، ئىچىدىكى ئەتىرنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ بېشىغا قۇيدى.


ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنى مېھمانغا چاقىرغان ساھىبخانىغا مۇنداق دېدى: - مېھمان چاقىرغىنىڭىزدا دوست-بۇرادەر، قېرىنداش، ئۇرۇق-تۇغقان ياكى باي قولۇم-قوشنىلىرىڭىزنىلا چاقىرماڭ. ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭمۇ سىزنى چاقىرىپ، ئادەمگەرچىلىكىڭىزنى قايتۇرۇۋېتىشىگە توغرا كېلىدۇ.


خوجايىن قايتىپ كەلگەندە چاكارلىرىنىڭ ئويغاق ۋە تەييار تۇرغانلىقىنى كۆرسە، بۇ چاكارلارنىڭ بەختىدۇر! بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇنى كۆرگەن خوجايىن چاكارلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇلارنى داستىخانغا ئولتۇرغۇزۇپ، شەخسەن ئۆزى كۈتۈۋالىدۇ.


شۇ كۈنى، لاۋىي ئۆيىدە ھەزرىتى ئەيساغا كاتتا زىياپەت بەردى. تەكلىپ قىلىنغان نۇرغۇن باجگىرلار ۋە ئۇلارغا ئوخشاش كىشىلەرمۇ ھەزرىتى ئەيسا ۋە شاگىرتلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولدى.


ھەزرىتى ئەيسا بەيتانىيا يېزىسىدا ئىلگىرى ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان سىمۇننىڭ ئۆيىدە بولغاندا،


ئويغان، ئەي شىمال شامىلى، سەنمۇ كەل، ئەي جەنۇب شامىلى، ئۇچۇپ ئۆتسەڭ ئەگەر ئۈستۈمدىن، چېچىلار باغچامدىن خۇش پۇراق. ئاشىقىم كېلىپ ئۆز بېغىغا، يېسۇن ئېسىل مېۋىلىرىنى باغلاپ ئىشتىياق.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite