Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 12:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن ئالتە كۈن ئىلگىرى، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن لازار تۇرغان جاي - بەيتانىياغا كەلدى.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 12:1
13 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى بەيتانىيا يېزىسىغىچە باشلاپ باردى ۋە قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇلارغا بەخت تىلىدى.


ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا، يېرۇسالېمغا ئىبادەت قىلغىلى كەلگەنلەر ئىچىدە يەھۇدىي دىنىغا كىرگەن بەزى گرېكلارمۇ بار ئىدى.


يەھۇدىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاز قالغانىدى. نۇرغۇن كىشىلەر تازىلىنىش دىنىي قائىدىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، ھېيتتىن بىرقانچە كۈن ئىلگىرى يېزىلاردىن يېرۇسالېمغا كېلىشتى.


لازار ئىسىملىك بىر ئادەم كېسەل بولۇپ قالغانىدى. ئۇ ھەدىلىرى مەريەم ۋە مارتا بىلەن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى بەيتانىيا يېزىسىدا تۇراتتى. مەريەم بولسا ھەزرىتى ئەيسانىڭ پۇتلىرىغا خۇش پۇراق ياغ سۈركەپ، چاچلىرى بىلەن ئۇلارنى ئېرتىپ قۇرۇتقان ئايال ئىدى.


ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن ئايرىلىپ، شەھەردىن چىقىپ بەيتانىيا يېزىسىغا بېرىپ، كېچىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزدى.


لازار قول-پۇتلىرى كېپەنلەنگەن، ئېڭىكى تېڭىلغان ھالدا تاشقىرىغا چىقتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - كېپەنلىكنى سالدۇرۇپ، ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىڭلار! - دېدى.


ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا بېرىپ مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىردى ۋە ھەممە نەرسىنى كۆزدىن كەچۈردى. بىراق، كەچ كىرىپ قالغاچقا، ئون ئىككى شاگىرتى بىلەن بىللە يەنە بەيتانىياغا قايتتى.


ئۇ يەردە پاھىشە دەپ تونۇلغان بىر ئايال ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ پەرىسىينىڭ ئۆيىگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئاق قاشتېشىدىن ياسالغان بىر قۇتىدا ئەتىر ئېلىپ كەلدى


ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، يۇقىرى ئاۋازدا: - لازار، تاشقىرىغا چىق! - دەپ توۋلىدى.


زور بىر تۈركۈم يەھۇدىيلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ بەيتانىيادا ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدى ۋە يالغۇز ھەزرىتى ئەيسانى ئەمەس، ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن لازارنىمۇ كۆرۈش ئۈچۈن ئۇ يەرگە كەلدى.


ئەتىسى، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشكە كەلگەن زور بىر تۈركۈم خالايىق ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېرۇسالېمغا كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite