9 ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - كۈندۈز ئون ئىككى سائەت ئەمەسمۇ؟ كۈندۈزى يول ماڭغان يىقىلماس، چۈنكى ئۇ بۇ دۇنيانىڭ يورۇقىنى كۆرىدۇ.
كۈننىڭ يورۇق ۋاقتىدا، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ بىزگە تاپشۇرغان ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك. كەچ كىرىپ قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتسە، ھېچكىم ئىش قىلالمايدۇ.
- نۇرنىڭ ئاراڭلاردا چاقنايدىغان ۋاقتى ئۇزۇن ئەمەستۇر. شۇڭا، قاراڭغۇلۇقنىڭ سىلەرنى بېسىۋالماسلىقى ئۈچۈن، نۇر بار ۋاقتىدا داۋاملىق مېڭىڭلار. قاراڭغۇلۇقتا ماڭغان كىشى ئۆزىنىڭ قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ.
مەن ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەلگەندە، ئۇلار كۆز يېشى قىلىپ، ماڭا دۇئا قىلىدۇ. مەن ئۇلارنى ئېقىنلارغا يېتەكلەيمەن. پۇتلاشمايدىغان تۈز يوللارغا باشلايمەن. چۈنكى مەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئاتىسىمەن، ئەفرايىم مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇمدۇر.»
شۇ چاغ يولۇڭدا يۈرىسەن تىنچ-ئامان، پۇتلىشىپ كەتمەيسەن ھېچقاچان.
لېكىن، كېچىسى يول ماڭغان يىقىلار، چۈنكى ئۇنىڭدا يورۇقلۇق يوقتۇر.
قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن كىشى يورۇقلۇقتا ياشايدۇ، ئۇنىڭدا گۇناھقا باشلايدىغان ھېچنېمە قالمايدۇ.