53 شۇنداق قىلىپ، ئۇلار شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلتۈرۈۋېتىش ئۈچۈن سۇيىقەست قىلىشقا باشلىدى.
بىر مەزگىلدىن كېيىن، يەھۇدىيلار سائۇلغا سۇيىقەست قىلماقچى بولدى.
ئالىي كېڭەشمە ھەيئەتلىرى بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئىنتايىن غەزەپلەندى ۋە ئەلچىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇشتى.
ئالىي روھانىيلار بولسا لازارنىمۇ ئۆلتۈرۈشنى قەستلىدى.
شۇڭا، پەرىسىيلەر ۋە ئالىي روھانىيلار يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭەشمىسىنى يىغىپ: - قانداق قىلغۇلۇق؟ بۇ ئادەمنىڭ ياراتقان نۇرغۇن مۆجىزىلىرىگە قاراپ بېقىڭلار.
يەھۇدىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ۋە پېتىر نان ھېيتىغا ئىككى كۈن قالغانىدى. ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسانى ھىيلە بىلەن تۇتۇپ ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەشتى.
بۇنىڭ بىلەن، پەرىسىيلەر تاشقىرىغا چىقىپ، ھەزرىتى ئەيسانى قانداق جايلىۋېتىش ھەققىدە ھىرود پادىشاھنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىشكە باشلىدى.
ئالىي روھانىيلار ۋە پۈتۈن ئالىي كېڭەشمە ئەزالىرى ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىش ئۈچۈن، يالغان ئىسپات ئىزدەيتتى.
ھەزرىتى ئەيساغا ھېچكىم گەپ قايتۇرالمىدى. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن، ھېچكىم ئۇنىڭدىن سوئال سوراشقا پېتىنالمىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنىڭ يېرۇسالېمغا كېتىشى، ئاقساقاللار، ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئۈچىنچى كۈنى تىرىلدۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى شاگىرتلىرىغا ئۇقتۇرۇشقا باشلىدى.
يەرەمىيا زىدقىياغا: _ ئەگەر مەن ساڭا جاۋاب بەرسەم، سەن چوقۇم مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىسەن. مەسلىھەت بەرسەم، مەسلىھەتىمنى ئاڭلىمايسەن، _ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىدىكى ئەمەلدارلار پادىشاھقا مۇنداق دېدى: _ بۇ ئادەم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى كېرەك. چۈنكى ئۇ بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق شەھەردە قالغان لەشكەرلەر ۋە پۈتۈن خەلقنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. بۇ ئادەم كىشىلەرگە ياردەم قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ.
تەرىپلەنسۇن نام-شۆھرىتى خۇدانىڭ ھازىرمۇ ۋە كېيىنمۇ تا ئاداققىچە. مەدھىيەلەنسۇن نام-شۆھرىتى خۇدانىڭ سۈبھى-تاڭدىن تاكى گۇگۇم-شامغىچە.
چۈنكى دۈشمەنلىرىم مېنى قەستلىشىپ، جېنىمنى ئالماق بولغانلار بىرلىشىپ،
ئاڭلىدىم ماڭا قىلغان تۆھمەتلەرنى، ۋەھىمە ئوراپ تۇرار ئەتراپىمنى. مەسلىھەتلىشەر ماڭا قارشى ئۇلار، پىلان تۈزەر ئالماق بولۇپ جېنىمنى.
سەپ تۈزۈشۈپ جاھاندىكى پادىشاھلار، ئورا كولىشىپ بىرلىكتە ھۆكۈمدارلار، پەرۋەردىگار ۋە ئۇ تاللىغان پادىشاھقا قارشى تۇرار.
شۇنىڭ بىلەن مەن: _ سىلەر نېمە ئۈچۈن كېچىنى سېپىل سىرتىدا ئۆتكۈزىسىلەر؟ ئەگەر يەنە شۇنداق قىلساڭلار، ئەدىپىڭلارنى بېرىمەن! _ دەپ ئاگاھلاندۇردۇم. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار دەم ئېلىش كۈنىدە قايتا كەلمىدى.
مۇشۇ چاغدىن باشلاپ، ئادەملىرىمنىڭ يېرىمى ئىشقا كىرىشتى، قالغان يېرىمى نەيزە، قالقان ۋە ئوقيالار بىلەن قوراللىنىپ، ئۇچىسىغا ساۋۇت كىيىپ قاراۋۇللۇق قىلدى. يېتەكچىلەرمۇ ئىشلەمچىلەرنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالدى. يۈك توشۇغۇچىلارمۇ قوراللىنىپ تۇرۇپ ئىش قىلدى.
ئۇلار يۈسۈپنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى يىراقتىن كۆردى. ئۇلار يۈسۈپ يېتىپ كەلگۈچە مەسلىھەتلىشىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇشتى.
بۇنىڭ بىلەن، پەرىسىيلەر تاشقىرىغا چىقىپ، ھەزرىتى ئەيسانى قانداق جايلىۋېتىش ھەققىدە مەسلىھەت قىلىشتى.
ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى ھىيلە بىلەن تۇتۇپ ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن مەسلىھەت قىلىشتى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىدە كېزىپ يۈردى. يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە تۇرۇشنى خالىمايتتى.