Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 11:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ھەزرىتى ئەيسا مارتا، مەريەم ۋە لازارنى بەك ياخشى كۆرەتتى.

Gade chapit la Kopi




يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 11:5
11 Referans Kwoze  

مەن سېنى ئۇلارغا ئايان قىلدىم، يەنە داۋاملىق ئايان قىلىمەن. بۇنىڭ بىلەن، ماڭا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ ئۇلاردا بولسۇن، ھەم مەنمۇ ئۇلاردا بولاي.


بۇنىڭ سەۋەبى، ئاتام ئۆزىمۇ سىلەرنى سۆيىدۇ. چۈنكى، سىلەر مېنى سۆيىسىلەر ۋە مېنى ئاتامنىڭ ئەۋەتكەنلىكىگە ئىشەندىڭلار.


خەقلەر: - قاراڭلار، ئۇ لازارنى نېمىدېگەن ياخشى كۆرگەن! - دېيىشتى.


شاگىرتلىرى ئۇنىڭغا: - ئۇستاز، يېقىندىلا ئۇ يەردىكى خەقلەر سىزنى چالما-كېسەك قىلماقچى بولغان تۇرسا، يەنە ئۇ يەرگە قايتا بارامسىز؟ - دېيىشتى.


ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن بىللە سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بىر يېزىغا كەلدى. ئۇ يەردە مارتا ئىسىملىك بىر ئايال ئۇنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى.


ئۆيدىكى ئىشلارنىڭ كۆپلۈكىدىن پايپېتەك بولۇپ يۈرگەن مارتا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: - ئى رەببىم، سىڭلىم مەريەم شۇنچە كۆپ ئىشلارنى ماڭىلا تاشلىۋەتتى، ئۇنى ماڭا ياردەملەشتۈرگەيسىز! - دېدى.


بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەي مارتا، سەن زىيادە ئىشلارغا باش قاتۇرۇپ ئاۋارە بولۇپ يۈرۈۋاتىسەن.


لازار ئىسىملىك بىر ئادەم كېسەل بولۇپ قالغانىدى. ئۇ ھەدىلىرى مەريەم ۋە مارتا بىلەن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى بەيتانىيا يېزىسىدا تۇراتتى. مەريەم بولسا ھەزرىتى ئەيسانىڭ پۇتلىرىغا خۇش پۇراق ياغ سۈركەپ، چاچلىرى بىلەن ئۇلارنى ئېرتىپ قۇرۇتقان ئايال ئىدى.


لازارنىڭ ھەدىلىرى ھەزرىتى ئەيساغا: «ئى رەببىمىز، سىز ياخشى كۆرىدىغان دوستىڭىز كېسەل بولۇپ قالدى» دەپ خەۋەر بېرىشتى.


گەرچە ئۇ لازارنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئۆزى تۇرۇۋاتقان يەردە يەنە ئىككى كۈن تۇردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite