25 - ئىنسانلارنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى ۋە ھاياتلىق بەرگۈچى ئۆزۈمدۇرمەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا، - ماڭا ئېتىقاد قىلغان كىشى ئۆلسىمۇ، يەنە ھايات بولىدۇ.
ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈپ تىرىلگەنلىكىگە ئىشەنگەنىكەنمىز، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەندە خۇدانىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن ئېتىقادچىلارنى ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىز كېرەك.
خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ. لېكىن، ئۇنى رەت قىلغان كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتتىن مەھرۇم قالىدۇ-دە، خۇدانىڭ غەزىپى مانا شۇنداقلاردىن مەڭگۈ نېرى بولمايدۇ.
«كالام» ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ، بۇ ھاياتلىق ئىنسانلارغا نۇر ئېلىپ كەلدى.
ئۆلگەنلەرنى ئاتىسى قانداق تىرىلدۈرۈپ، ئۇلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلغان بولسا، ئوغلىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزى خالىغان كىشىلەرگە مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىدۇ.
مېنى ئەۋەتكەن خۇدائاتام ئۆزى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە سالمىسا، ئۇلار مېنىڭ يېنىمغا كېلەلمەيدۇ. مېنىڭ يېنىمغا كەلگەن كىشىلەرنى قىيامەت كۈنى تىرىلدۈرىمەن.
ئەمما، ساڭا مەنسۇپ بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەر، قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ! ئۇلارنىڭ تېنى باشقىدىن تىرىلىدۇ. ئەي تۇپراقتا ياتقانلار، ئويغىنىپ، شادلىق ناخشىسىنى ئېيتىڭلار! ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ تاڭ سەھەردىكى شەبنىمىڭ ئالەمگە ھاياتىي كۈچ بەرگەندەك، سەن ئۆلگەنلەرگىمۇ قايتا ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىسەن.
چۈنكى، ھاياتلىق ئېلىپ كېلىدىغان مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىزنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدىغان گۇناھنىڭ كۈچىدىن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خالاس قىلدى.
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ھاياتلىق بېرىدىغان نان ئۆزۈمدۇرمەن! مېنىڭ يېنىمغا كەلگەنلەر ھەرگىز ئاچ قالمايدۇ. ماڭا ئېتىقاد قىلغانلار ھېچقاچان ئۇسسىمايدۇ.
ئۇ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ھەربىر تامچە ياشلىرىنى ئېرتىدۇ. ئەمدى ئۆلۈم ئەسلا بولمايدۇ، نە ماتەم، نە يىغا-زار، نە قايغۇ-ئەلەم بولمايدۇ، چۈنكى بۇرۇنقى ئالەم ئۆتۈپ كەتتى.»
مېنىڭ ھازىرقى مەقسىتىم، ئەيسا مەسىھنى ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈپ تىرىلىش قۇدرىتىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئۆز كەچۈرمىشىم ئارقىلىق چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئۈلگە قىلىش
بۇ دەسلەپكى تىرىلىش ئىدى. ئۆلۈكلەرنىڭ قالغانلىرى مىڭ يىل توشمىغۇچە تىرىلمەيتتى.
شۇنداق قىلىپ، ھاياتلىقنى ياراتقۇچىنى ئۆلتۈردۈڭلار! بىراق، خۇدا ئۇنى تىرىلدۈردى. بىز مانا بۇ ۋەقەنىڭ گۇۋاھچىلىرى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم خۇدائاتامنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ.
چۈنكى، ئاتىسى ئۆزى قانداق ھاياتلىق مەنبەسى بولسا، ئوغلىنىمۇ شۇنداق ھاياتلىق مەنبەسى قىلدى.
چۈنكى ئۆزۈڭ ھاياتلىق بۇلىقىسەن، كۆرىمىز ھەقىقەتنى نۇرۇڭ بىلەن.
مۇقەددەس روھ ۋە تويى بولىدىغان قىز : «كەل!» دېدى. ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسىمۇ: «كەل!» دېسۇن. ئۇسسىغان كەلسۇن، خالىغان كىشى ھاياتلىق سۈيىدىن ھەقسىز ئىچسۇن.
ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى مېنى كۆرمەيدۇ، لېكىن سىلەر كۆرىسىلەر. مەن ھايات بولغانلىقىم ئۈچۈن، سىلەرمۇ ھايات بولىسىلەر.
ئى ئىگەم، سېنىڭ تەربىيەلىرىڭ ئىنساننى چىن ھاياتلىققا باشلايدۇ، مېنىمۇ ھاياتلىققا باشلايدۇ. سەن ماڭا ساغلاملىقىمنى قايتۇرۇپ، قايتا ھاياتلىق بەردىڭ.
تەڭلىكتە قالدىم. بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن، چۈنكى بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئىش يوقتۇر، ئەلۋەتتە.
ئۇنىڭدىن كېيىن، پەرىشتە ماڭا خۇدانىڭ ۋە قوزىنىڭ تەختىد ىن باشلانغان، خرۇستالدەك سۈزۈك ھاياتلىق سۈيى ئېقىۋاتقان دەريانى كۆرسەتتى.
چۈنكى، رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدانىڭ بىزنىمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى ۋە سىلەر بىلەن بىللە ئۆز ھۇزۇرىغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلىمىز.
بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا ئىبراھىمغا: «سېنى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى قىلدىم» دەپ ئېيتقىنىدەك. خۇدانىڭ نەزىرىدە ئىبراھىم ھەممىمىزنىڭ ئاتىسىدۇر. چۈنكى، ئىبراھىم ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرىدىغان، مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرىدىغان خۇداغا ئىشەنچ باغلىدى.
- بىلىپ قويكى، بۈگۈن سەن مەن بىلەن بىللە جەننەتتە بولىسەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.
ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولمىسا، بەزىلەرنىڭ ئۆلگەنلەر ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلۈشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ ئۆلگەنلەر زادى تىرىلمىسە، كىشىلەرنىڭ ئۇلار ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلگىنى بىكار بولىدۇ.
ئۇ چاغدا، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان ھەم تۈگەپ كەتكەن قېرىنداشلارمۇ دوزاخقا چۈشكەن بولاتتى.
چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىر كىشى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئۇنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىپ بەردى.
ھايات بولغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئۆلگەنىدىم، لېكىن ئەمدى مەڭگۈ ھايات ياشايمەن. ئۆلۈم ۋە ئۆلۈكلەر دىيارىنىڭ ئاچقۇچى مېنىڭ قولۇمدا.