16 «قوشكېزەك» دەپ ئاتىلىدىغان توماس باشقا شاگىرتلارغا: - بىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارايلى ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلەيلى، - دېدى.
سىمۇن پېترۇس، «قوشكېزەك» دەپ ئاتىلىدىغان توماس، جەلىلىيىدىكى كانالىق ناتانيەل، زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ۋە باشقا ئىككى شاگىرت بىللە ئىدى.
پېترۇس ئۇنىڭغا: - ئى رەببىم، نېمە ئۈچۈن ھازىر سىزنىڭ كەينىڭىزدىن بارالمايمەن؟ سىز ئۈچۈن جېنىم پىدا! - دېدى.
فىلىپ ۋە بارتولوماي، توماس ۋە باجگىر مەتتا، ھالپاينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە تاداي،
مەتتا، توماس، ھالپاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمۇن،
ئەندەر، فىلىپ، بارتولوماي، مەتتا، توماس، ھالپاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، تاداي، ۋەتەنپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمۇن
بىراق، پېترۇس: - سىز بىلەن بىللە ئۆلۈشكە توغرا كەلسىمۇ، سىزدىن تانمايمەن، - دېدى. قالغان شاگىرتلارمۇ شۇنداق دېيىشتى.
ئۇلار شەھەرگە كىرىپ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى ھۇجرىغا چىقتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ، ئەندەر، فىلىپ، توماس، بارتولوماي، مەتتا، ھالپاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، ۋەتەنپەرۋەر سىمۇن ۋە باشقا بىر ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدالار بار ئىدى.
- ئى رەببىم، سىزنىڭ قەيەرگە كېتىدىغانلىقىڭىزنى بىلمەيمىز. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇ يولنى قانداق بىلىمىز؟ - دېدى توماس.
شاگىرتلىرى ئۇنىڭغا: - ئۇستاز، يېقىندىلا ئۇ يەردىكى خەقلەر سىزنى چالما-كېسەك قىلماقچى بولغان تۇرسا، يەنە ئۇ يەرگە قايتا بارامسىز؟ - دېيىشتى.
- ئى رەببىم، مەن سىز بىلەن بىللە زىندانغا تاشلىنىپ، بىللە ئۆلۈشكە تەييارمەن! - دېدى پېترۇس.
سىلەرنى دەپ، ئۇنىڭ قېشىدا بولمىغانلىقىمغا خۇشالمەن. چۈنكى، بۇ سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلارنىڭ كۈچەيتىلىشى ئۈچۈن، يەنە بىر پۇرسەت يارىتىپ بەردى. ئەمدى ئۇ بار يەرگە بارايلى، - دېدى.